باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇتەخەسسىسلىرى شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى، جۇڭگو ياۋروپا ھەمكارلىقىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى دېدى

2015.10.26 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭ 19- ئۆكتەبىردىن 23- ئۆكتەبىرگىچە، ئەنگلىيەدە تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

  ياۋروپالىق مۇتەخەسسىسلەر ئومۇميۈزلۈك، رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولغانلىقى جۇڭگو ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، جۇڭگو ياۋروپا ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى دېدى.

  فىرانسىيە زافىر ياۋروپا ئاسىيا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بى ۋېنجىياڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئۆز ئارا مەنپەئەت يۈتكۈزۈش ھەمكارلىقى ھەمدە يەر شارى پۇل مۇئامىلە، سودا، مەدەنىيەت ۋە باشقۇرۇش يېڭى تەرتىپىنى ئورنىتىشتا چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بېلگىيەنىڭ ئاسىيا ياۋروپا ئىشلىرى تەتقىقاتى ئاقىللار ئامبىرىنىڭ مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيەگە قىلغان زىيارىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپلا قالماستىن، زىيارەتتە ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەمدە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ يەتكۈزۈش پىرىنسىپى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

  ياۋروپا ئىنستىتۇتى ياۋروپا جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئۇچ چوڭ دۆلەتنىڭ بېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى تەسىرى كۈچىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. جۇڭگو ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئەمەلىيەتتە جۇڭگو فىرانسىيە ، جۇڭگو گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى .

  پولشانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىق ھەر بىر قېتىم ئىلگىرىلىگەندە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ياخشى ۋە ياخشى مۇناسىۋىتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر