خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئاففانىستاننىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدا 26-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن 7.8 بال قاتتىق يەر تەۋرىدى، پاكېستان، ھىندىستان، ئۆزبىكىستان قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەردىمۇ كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمى بولدى. نۆۋەتتە يەر تەۋرەشتە ئاففانىستان چېگراسىدىن ئاز دېگەندە 34 كىشى قازا قىلدى، پاكېستان چېگراسى ئىچىدىن ئاز دېگەندە 125 كىشى قازا قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە ئاففانىستان چېگراسى ئىچىدىكى 200دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان، نۇرغۇن ئۆلكىدىكى مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. تاخار ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۆلكىدىكى بىر مەكتەپتە 12 قىز ئوقۇغۇچى يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان دەسسىلىش ۋەقەسىدە بەختكە قارشى قازا قىلغان، يەنە نەچچە ئون كىشى يارىلانغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى