«ﺳﯘﯓ ﭼﯩﯖﻠﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻓﻮﻧﺪﻯ» ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ئورنىنىڭ يۇپۇق ئېچىش نەق مەيدانى
10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25-ﻛﯜﻧﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﻪﻳﺌﻪﻳﺘﻪﻱ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺳﻮﺩﺍ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺑﯩﻴﻮ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ «ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﺋﺎﻟﮕﺎ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ» ﻏﺎ ﻳﻮﭘﯘﻕ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﯩﭽﯩﻠﺪﻯ. ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﺪﺍ «جۇڭخۇا ﺳﯘﯓ ﭼﯩﯖﻠﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻓﻮﻧﺪﻯ» ﻧﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﯞﺍﯓ ﺩﯗﯕﺸﻰ «ﺳﯘﯓ ﭼﯩﯖﻠﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻓﻮﻧﺪﻯ» ﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ئورنى ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﺪﻯ.ئۇ مۇنداق دېدى، جۇڭخۇا سۇڭ چىڭلىڭ خەلقئارا فوندى جەمئىيىتى دۆلەت ئانىسى سۇڭ چىڭلىڭ خانىم (سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئايالى) نىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى خاتىرىلەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت سىرتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر جۇڭگولۇق قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، دۇنيانىڭ تىنىچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.
فوندى جەمئىيەتنىڭ نىشانى بولسا سۇڭ چىڭلىڭ خانىمنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم ۋارىسلىق قىلىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئاياللار ۋە بالىلار بولسا فوندى جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق يۆلەش ئوبيېكتى. غەربىي قىسىم نامرات رايونلار ۋە يېتىم، مىيىپ بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ھەم داۋالاش بىلەن تەمىنلەش؛ تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاپەت خاراكتېرلىك ھادىسىلەر سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئاجىزلار توپىنى زۆرۈر بولغان ياردەم بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.
فوندى جەمئىيىتىمىز ئىچكى ئۆلكىلەردىكى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق كارخانىچىلاردىن شىنجاڭ تەيئەيتەي شىركىتى ۋە لېدىر رىزۋانگۈل ئابلېزنىڭ ئۇتۇقلىرى، ئىجتىمائىي تۆھپىسىگە ئائىت نۇرغۇن يۇقىرى باھالارنى، بۇ جەمئىيەتكە ھەيئەت قىلىشقا ئائىت تەۋسىيەلەرنى تاپشۇرۇۋالدۇق. فوندى جەمئىيەت رەھبەرلىك كوللىكتىپى قايتا – قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە، شىنجاڭ تەيئەيتەي شىركىتى ۋە شىركەت لېدىرى رىزۋانگۈل ئابلېزنىڭ ئەمەلىي قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردۇق ھەم ئىجتىمائىي تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردۇق، رىزۋانگۈل مۇئەللىمنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانى، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىگە ساغلاملىق ئاتا قىلىشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى قىلغانلىقى ۋە ھەرقايسى جەھەتتىن ناھايىتى مۇنەۋۋەر ئايال كارخانىچى ئىكەنلىكى بىزنى بەك تەسىرلەندۈردى. بىز ئورتاق تىرىشىپ ، قول تۇتۇشۇپ،گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشنى ئارزۇ قىلىمىز.
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﻪﻳﺌﻪﻳﺘﻪﻱ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻟﯩﺪﯨﺮﻯ ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯜﻝ ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ خانىم ﺑﯘ ﻓﻮﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻟﯩﺪﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﺪﻯ. ﺭﯨﺰﯞﺍﻧﮕﯜﻝ ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ خانىم «ﺳﯘﯓ ﭼﯩﯖﻠﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻓﻮﻧﺪﻯ» ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ئورنىنىڭ كەلگۈسى تۇغرىسىدا توختىلىپ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ھﻪﻝ قىلالايدىغانلىقىنى، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ 5 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 10 ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ھەقسىز ﺩﺍﯞﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ 2 ﻧﻰ قۇرۇشنى ﭘﯩﻼﻧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ئېيتتى.