باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ چىشەن: تەكشۈرۈشتە پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆتكۈر قورال قىلىپ، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك

2015.10.26 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركەز تەكشۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چىشەن تۈنۈگۈن مەركەز تەكشۈرۈش خىزمىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم يوليۇرۇقى يەتكۈزۈلدى. ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەكشۈرۈشتە مۇھىم نۇقتىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا قارىتىپ، پارتىيە نىزامى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆتكۈر قورال قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، ئۆتكۈر خەنجەرلىك رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە نىزامى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئاساس قىلىپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، چۆچۈتۈش رولىنى ئوينىشى كېرەك. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە تەكشۈرۈلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئىجرا قىلىپ، ئەمىليىتىدە كۆرسىتىشى كېرەك. تەكشۈرۈشتە مۇھىم نۇقتىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا قارىتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى پۇختا ئىگىلەش؛ پارتىيىنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، پۈتۈن پارتىيىنى باشقۇرۇش، پۈتۈن پارتىيىنى ئىدارە قىلىشتا، ئالدى بىلەن پارتىيە نىزامىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈشتە ئالدى بىلەن تەكشۈرۈلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە نىزامىنىڭ نوپۇزىنى قوغدىغان-قوغدىمىغانلىقى، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرغان-ئىزچىللاشتۇرمىغانلىقى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى جارىي قىلدۇرغان-قىلدۇرمىغانلىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان-ساقلىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر