باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2015.10.26 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا 40-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ،«شەھەر باشقۇرۇش قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتى»نى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ، پىكىر تەكلىپلەرنى بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى. بەزى ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: شەھەر باشقۇرۇش قانۇن ئىجراسى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا باش مەسئۇل تارماقلار ۋە ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ فۇنكىتسىيە ئايرىمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەرز قىلىش چارىلىرى ۋە يوللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ راۋانلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىش، ئاممىنى قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، پەن تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىش؛ ئاساسىي قاتلام قانۇن ئىجراسى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خىراجەتكە پۈتۈنلەي كاپالەتلىك قىلىش، توغرا جامائەت پىكىرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش، ئۆز ئارا چۈشىنىدىغان قوللايدىغان ئاقىلانە تىنچ ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر