باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا زۇڭتۇڭ ھۈسەيىنگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2015.10.28 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رەئىس شى جىنپىڭ 27-ئۆكتەبىر پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىنگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. تېلېگراممىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەشنىڭ پاكىستاندا ئېغىر تالاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن شۇنداقلا ئۆز نامىم بىلەن ئاپەتتە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، ئاپەتتە يارىلانغانلاردىن ۋە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  جۇڭگو-پاكىستان ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھ. جۇڭگو خەلقى پاكىستان خەلقىنىڭ يەر تەۋرەشتە ئۇچرىغان بەخىتسىزلىكىگە ھېسداشلىق قىلىدۇ، جۇڭگو پاكىستانغا قولىنىڭ كېلىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. زۇڭتۇڭ ئەپەندىم ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە پاكىستان خەلقىنىڭ ئاپەتنى يېڭىپ چىقىپ، يۇرت-ماكانىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر