باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئەگەر ئۇچراشساق» شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ مىكرو كىنو مۇسابىقىسى باشلاندى

2015.10.30 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 28-ئۆكتەبىر، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى كىنو-تېلېۋىزىيە سەنئىتى فاكۇلتېتى بىلەن شىنجاڭ خۇاشيا يېپەك يولى خەلقئارا مەدەنىيەت تاراتقۇ چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «ئەگەر ئۇچراشساق» شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ مىكرو كىنو مۇسابىقىسى باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق مىكرو كىنو مۇسابىقىسى مەكتەپ تۇرمۇشى تېمىسىغا مايىللاشقان بولۇپ، ياشلارغا تالانتىنى نامايان قىلىدىغان سۇپا ھازىرلاپ، ياشلارنىڭ پائال ئىجادىيەت قىلىپ، ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىلىم ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، بىرىنچى سەپتىكى ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەردە ياخشى بولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەمدە شىنجاڭ خۇاشيا يېپەك يولى خەلقئارا مەدەنىيەت تاراتقۇ چەكلىك شىركىتى بىلەن مەھسۇلات-ئوقۇتۇش-تەتقىقات ھەمكارلىشىپ قۇرۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر