خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) 28- ئۆكتەبىر كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى ئۇچقار 2 – كەنتىدىكى خانئايشەم ئەنۋەر بىلەن مېھرىگۈل ئەنۋەر ئاچا – سىڭىل يۇرتىدىكى ياشانغانلار، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان شۇ چاغدىكى ئۇنتۇلغۇسىز كۆرۈنۈشلەرنى ھاياجانلىق ئىلكىدە بىرمۇ – بىر سۆزلەپ بېرىپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشقا يېتەكلىدى . (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن)
سۈرەتتە: 28- ئۆكتەبىر خانئايشەم ئەنۋەر بىلەن مېھرىگۈل ئەنۋەر ئاچا – سىڭىللار يۇرتداشلىرىغا ئۇنتۇلغۇسىز كۆرۈنۈشلەرنى سۆزلىمەكتە.
مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى