باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ئەنقەرەدىكى پارتلىتىش دېلوسىنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى پەيدا قىلغان دېدى

2015.10.29 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھەرلىك تەپتىش ئىشخانىسى 28- ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، تەكشۈرۈشلەردىن، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىدىكى بىر شۆبىسىنىڭ ئەنقەرە پويىز ئىستانسىسىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ يارىلىنىش ۋە قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنىڭ ئايان بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە توپلانغان ئىسپاتلاردىن گازىئانتەپ ئۆلكىسىگە يوشۇرۇنغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ شۆبىسى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىگە ئالاقىدار ۋە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا قارشى بارلىق نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇنىڭدىكى مەقسەتلەرنىڭ بېرى 11- ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە پارلامېنت سايلىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، تۈركىيە ۋەزىيىتىدە قالايمىقانلىق پەيدا قىلىشىدىن ئىبارەت ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر