باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە يەرلىكنىڭ خامچوت، ئاتچوتنى ئاشكارىلاش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىدۇ

2015.10.29 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى 28-ئۆكتەبىر مەملىكەت بويىچە جايلارنىڭ يەرلىكنىڭ خامچوت، ئاتچوتنى ئاشكارىلاش ئەھۋالىغا قارىتا مەخسۇس تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خامچوت قانۇنى»، «ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى»، «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇش،ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى» ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار خامچوت، ئاتچوتلارنى ئاشكارىلاش خىزمىتى ھۆججىتىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ خامچوت، ئاتچوتنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشكارا، ئېنىق بولغان خامچوت، ئاتچوت تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش بۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى.

  2015-يىلى 1-يانۋار يولغا قويۇلغان يېڭى خامچوت قانۇنى مالىيە خامچوت، ئاتچوت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشقا قارىتا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەخپىي ئۇچۇرغا چېتىلغاندىن باشقا مالىيە پۇلىنى ئىشلەتكەن بارلىق تارماق، ئورۇنلارنىڭ چوقۇم ئاشكارا بولۇشى، مەزمۇنىنىڭ تېخىمۇ تەپسىلىي بولۇشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلنى تېخىمۇ ئېنىق ۋە ئۈنۈملۈك خەجلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر