باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزا ياشلىرى ئارىسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك پاختا تېرىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2015.10.30 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئاۋات ناھىيەلىك ئىتپاق كومىتېتى يېزا ياشلىرىنى تەشكىللەپ تۇنجى نۆۋەتلىك پاختا تېرىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرىدىن كەلگەن ياشلار مۇسابىقىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ «ئەمگەك شەرەپلىك »دېگەن ئىدىيەنى نامايەن قىلدى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقە غوروچۆل بازىرى خاڭگۇڭ كەنتىنىڭ 200مو كېلىدىغان كىۋەزلىكىدەئۆتكۈزۈلدى. ناھىيەنىڭ ھەر قايسى يېزا –بازارلىرىدىن كەلگەن 80دىن ئارتۇق ياش ئوغۇل–قىز ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ مۇسابىقىلەشتى.مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىن تاللاپ چىقىلغان پاختا تېرىش ئۇستىلىرى ئىدى. بۇيىل 22ياشقا كىرگەن يۈسۈپ ئابلەت كۇنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 160كىلوگىرام پاختا تېرىيدىغان بولغاچقا، ھەر يىلى پاختا تېرىپ 10مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىپ كىشىلەر تەرىپىدىن «پاختا تېرىش ماشىنسى »دەپ ئاتالغان. بەش سائەتلىك كەسكىن مۇسابىقىدە ئۇ 90كىلوگىرام پاختا تېرىپ ئوغۇللار گۇرۇپپىسىدا بىرىنچىلىككە ئىرىشتى. قىزلار گۇرۇپپىسىدىن غوروچۆل بازىرىدىن كەلگەن گۈزەلنۇر ۋە بىرنەچچە ئاچا-سىڭىللارمۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە بىرىنىچىلىككە ئىرىشتى.

  بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 3نەپەر، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 3نەپەر، ئۇچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 6 نەپەر، رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىدىن 8 نەپەر تەسىس قىلىنىپ، 1000 يۇەن، 800 يۇەن، 500 يۇەن، 300 يۇەندىن مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر