باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى

«مىزان» ۋە «نىزام»نى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىنچىكە، كىچىك نۇقتىلاردىن ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2015.11.02 15:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ «يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ <دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەكلىپى>نى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم «يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەنلىكنىڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مىزان» بىلەن «نىزام»نى قەلبىمىزگە پۈكۈشىمىز كېرەك. «مىزان» بىلەن «نىزام» پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىغا بولغان كۈچلۈك چەكلىمە، شۇنداقلا بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تۈپ قىبلىنەماسى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «مىزان» ۋە «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى، «پارتىيە نىزامنامىسى»، «كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»، «پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىغا «ئۆگىنىش، ئويلىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش»كە كۈچ سەرپ قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، پاك - تەلەپچان بولۇش تەلىپى ۋە ئىنتىزام جازاسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى قەلبىگە پۈكۈشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: سىياسىي ئىنتىزام بىلەن سىياسىي قائىدىنى مەڭگۈ 1 - ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇشى، پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشنى بارلىق خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش جەزمەن» تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «يەتتە بولۇش» ھادىسىسىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىنچىكە، كىچىك نۇقتىلاردىن ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە»سىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە»سىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي تۈزىتىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نازارەت قىلىش، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك. ھوقۇقنى تۈزۈم دائىرىسىدە ئىشلىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار توغرا ھوقۇق قارىشىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇپ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىمتىيازىنى پەش قىلماسلىقى، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىقى؛ ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇقىنى قانۇن چەكلىمىسى دائىرىسىدە ئاڭلىق يۈرگۈزۈشى؛ دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «ئۈچ مۇھىم، بىر كۆپ» ئىشلارنى كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇشى؛ ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم تەدبىر ۋە ئەمەلىيلىشىش ئەھۋاللىرىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى؛ ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلارنى ئادىل، توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان تۈرلۈك تىپىك دېلولاردىن ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىنىمۇ بىلىۋېلىپ، ئىبرەت قىلىپ، ئۆزىنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇش، بەنزىنى، قوشۇننى ياخشى يېتەكلەش كېرەك. مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى ياخشى ئىگىلەش ۋە ياخشى تەتبىقلاش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى مۇھىم ئۆتكۈر قورال. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە، تەشكىلىي ئىنتىزامىغا، مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە»سى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە»سىگە خىلاپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان، رايون خاراكتېرلىك، سىستېمىلىق چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ <دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەكلىپى>نى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. ھۆججەت تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېز مۇزاكىرە قىلىپ، تەدبىر قوللىنىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى. يېڭى نورمال ھالەتكە ئاكتىپ ماسلىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر