باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تەكلىپكە بىنائەن ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو بىلەن كۆرۈشتى

2015.11.02 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 1-نويابىر كەچ سىئولدىكى مېھمانسارايدا تەكلىپكە بىنائەن 6-قېتىملىق جۇڭگو، كورېيە، ياپونىيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ياپونىيە ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى مۇھىم تەسىرىي كۈچكە ئىگە دۆلەت. ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى مۈشكۈل يوللارنى بېسىپ ئۆتتى، بۇنىڭدىن سەۋەب ياپونىيەگە ئېنىق. بۇ چوڭقۇر ساۋاقنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەش كېرەك. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىپ مۇقىملاشتى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سەزگۈرلۈكى، مۇرەككەپلىكى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، نورمال تەرەققىيات يولىغا قايتىشى يەنىلا قېيىن. ئىككى تەرەپ تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىشى كېرەك:بىرىنچى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئىككىنچى، سەزگۈر مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھەل قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئۆز-ئارا ئىشىنىش كېرەك. تۆتىنچى، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئابى شىنزو مۇنداق دېدى: ياپونىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ رايونلارنىڭ تىنچ، مۇقىملىقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم مەسئۇلىيىتى بار، بۇنىڭ ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ياپونىيە-جۇڭگو تۆت سىياسىي ھۆججىتىنىڭ پىرىنسىپىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ياپونىيە-جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئاساسىي ئىدىيەسى بويىچە ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ياپونىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى چوڭقۇر ساۋاقنى مەۋقە قىلىپ، داۋاملىق تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ، «ئالاھىدە مەخسۇس مۇداپىئەلىنىش» سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتىدۇ، بۇ ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ياپونىيە-جۇڭگو دۇنيادىكى ئاساسىي ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم. ياپونىيە ئىككى دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ياپونىيە جۇڭگو-كورېيە بىلەن قوشنا دۆلەت، ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، ياپونىيە بالدۇرراق جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى سەۋىيەلىك ياپونىيە، جۇڭگو، كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمنامىسى تۈزۈش توغرىسىدا پائال سۆھبەتلىشىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر