باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇقىم ئاشۇرۇش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىساد ئاساسىنى پۇختىلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2015.11.05 16:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-نويابىر ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا يېڭىلىق يارىتىش، بازارنى كېڭەيتىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تېخىمۇ كۈچلۈك يۆلەش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق سانائەتنى مۇقىم ئاشۇرۇش، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ئاساسىنى پۇختىلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېلىمىزنىڭ سانائىتى ھازىر تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرماقتا، نۆۋەتتە سانائەتنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا كۈچەپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، بۇ-ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ئاساسىنى پۇختىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مالىيە مەخسۇس مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈپ، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025»نىڭ ھالقىلىق ساھەلىرى، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشى، شەھەرلەردىكى خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار ۋە پولات-تۆمۈر كارخانىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق قوللاش؛ ئالاقە تورى قوشۇلغان تۈرىدىن پايدىلىنىپ، چوڭ كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار قاتارلىقلار جىپسىلاشقان سانائەتتە يېڭىلىق يارىتىش سەھنىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  دۆلەتلىك ئۇچۇر مەركىزى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نىڭ جياجۈن مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە كىرگەن چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئەمگەك زىچ توپلاشقان كەسىپلەر قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە تايىنىدىغان پىلانلىق تەرەققىيات تەپەككۇرى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلماقتا. ئېلىمىز يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش يېڭى باسقۇچىغا كىردى، بولۇپمۇ ئالاقە تورى بىلەن چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر