باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 15.9 ئاشتى

2015.11.05 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 5-نويابىر سودا مىنىستىرلىقىدىن ئوقۇشىچە، بۇ يىل ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسى داۋاملىق تېز ئاشقان، مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 495 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 15.9 ئاشقان.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن دەنياڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئېكىسپورت قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ياخشىلاندى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، يۇقۇرى قوشۇلما قىممەتلىك مۇلازىمەت ئېكىسپورتى تېز ئاشتى، تېلېگراف، كومپىيۇتېر، ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ ئېكىسپورتى جەمئىي % 19 ئاشتى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ھەققى، مەدەنىيەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمىتىنىڭ ئېكىسپورت كۆلىمى كىچىك ئەمما ئېشىش سۈرئىتى تېز بولدى. مۇلازىمەت ئىمپورتىغا ئاساسلىقى ساياھەت تۈرتكە بولدى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ساياھەت ئىمپورتىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ ئىمپورت ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى % 58.1 بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر