باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئاچتى

ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتنى كۆزلەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئاساس قىلىپ، تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2015.11.05 16:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى 3-نويابىر قەشقەر شەھىرىدە ئېچىلدى. جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يېڭى ۋەزىيەتتە جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى، شۇنداقلا مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدەپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستىراتېگىيەسى بويىچە ئىش كۆرۈپ، تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى چەكلەشلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتتىن تەڭ بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ نىشانلىق ۋەزىپىسى

  2020 - يىلىغا بارغاندا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش؛ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ئۆز - ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش؛ ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنى تۈگىتىپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىق مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا ئاساسەن يېتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم چاقىرغان جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى 3 - نويابىر قەشقەر شەھىرىدە ئېچىلدى. بۇ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىن ھېسابلىنىدۇ. يىغىننىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى، مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان مەزگىلدىكى مەركەزنىڭ بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قاتار تەلىپى بويىچە، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتنى كۆزلەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئاساس قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى(مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىن قاتناشچىلىرى يولداش جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزى ۋە «پىكىر(مۇزاكىرە نۇسخىسى)»نى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى. يىغىندا «پىكىر» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھەم قىيىن نۇقتىسى. شىنجاڭنى بىر تاختا شاھماتقا ئوخشاتساق، جەنۇبىي شىنجاڭ «شاھماتنىڭ كۆزى». پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت قاتلىمىدا تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە لايىھەلەپ ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. مەركەزنىڭ تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېزلىشىپ، خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ زور كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇل ئەسلىھەلىرى تېخىمۇ ياخشىلاندى، مىللەتلەر ۋە دىنلار ئىناقلىقى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز، شەھەر - يېزا قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ، ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن مەزگىلگە قەدەم قويدى؛ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى؛ ھەر مىللەت ئامما كەڭ سەپەرۋەر قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىۋى ئاساسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىي تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. شۇڭا جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمەلىيەت يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا بولغانلىقىنى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل جەنۇبىي شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىدىغان ھالقىلىق باسقۇچ، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى، شۇنداقلا مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدەپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەسى بويىچە ئىش كۆرۈپ، تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى چەكلەشلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتتىن تەڭ بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ نىشانلىق ۋەزىپىسى: 2020 - يىلىغا بارغاندا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش؛ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ئۆز - ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش؛ ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنى تۈگىتىپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىق مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا ئاساسەن يېتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: كۆزلەش ۋە كۈچەش نۇقتىسىدا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە كەسكىن كۈرەش بولۇپ، بەزىدە ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ، بۇنى بىز سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكنى ساقلاپ، ئاساس سېلىش ۋە ئۇزاقنى كۆزلەش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش، مىللەت - دىن، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدىگەن ھالدا پىلانلىنىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈلۈشى كېرەك. زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى ھازىرقى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بايقاش، ئالدىنى ئېلىش ۋە زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قانۇن بويىچە دەل زەربە بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە قانۇنىيەتنى خۇلاسىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز؛ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، ھەر خىل شەكىلدىكى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىق - تەربىيەسىنى داۋاملىق كەڭ ھەم چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئېڭى ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى بايقۇت قىلىش، سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىشىمىز كېرەك. دىن قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەت تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇسۇل ۋە خىزمەت ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دىنلار ئىناقلىقىنى قوغدىشىمىز؛ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، پىكىرلىشىش ۋە ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مىللەت ئامىلىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يىلتىز تارتقۇزۇشىمىز ۋە مېۋە بەرگۈزۈشىمىز؛ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىگە بولغان «ئىممۇنىتېت كۈچى»نى ئاشۇرىشىمىز، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تور ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، «بەشنى تونۇش» ئىدىيەسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ھازىرقى گەۋدىلىك ۋەزىپە −− «پان ئىسلامىزم ۋە پان تۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ياخشى ئىشلەش. شۇڭا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تاكتىكىدا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن شىنجاڭنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۇيۇشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋە ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. تەرەققىيات جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، تەرەققىياتنى مۇقىملىقنى چۆرىدەپ پىلانلاپ، مۇقىملىقنى تەرەققىيات ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا يەنىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇلازىمەت قىلىشقا يەنىمۇ ياخشى ئەمەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئىلمىي تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك −−

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا نېگىزلىك قۇرۇلۇش. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەنۇبىي شىنجاڭدا تەرەققىيات بىلەن ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى. شۇڭا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ، گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. مەۋقەنى كەسىپلەرگە تۈرتكە بولۇشقا قارىتىپ، كىشىلەرنى كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدىغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانا ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشىمىز؛ مەۋقەنى ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئىشىك ئالدىدا تېخنىكا تەلىپى ئانچە يۇقىرى بولمىغان ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىشىمىز؛ مەۋقەنى مەسىلىنى شىنجاڭ ئىچىدە ھەل قىلىشقا، ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى شىنجاڭدا ھەل قىلىشقا قارىتىشىمىز؛ مەۋقەنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ قوللىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قولغا كەلتۈرۈپ، كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يالغۇز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭلا ئىشى ئەمەس، شۇڭا پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئومۇمىيەتنى چىقىش قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇشىمىز؛ پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشقا ئىلھام بېرىدىغان مۇھىت، كەيپىيات يارىتىشىمىز كېرەك.

  جەنۇبىي شىنجاڭدا ئالاھىدە كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. چوڭ كارخانىلار ئارقىلىق يېتەكلەش، ياخشى سىياسەت مۇھىتى بەرپا قىلىش، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ۋە تۈرلۈك سانائەت رايونلىرى، كەسىپلەرنى توپلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك نۇقتىلىق شەھەر، بازارلارنى ياخشى باشقۇرۇشنى تۇتقا ۋە بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسپى، بۇ خېلى بىر مەزگىلگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا يەنىلا يېتەكچى كەسىپ بولىدۇ، شۇڭا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ھەقىقىي ئەۋزەللىكنى توغرا تېپىپ، يېشىل، ئېكولوگىيەسى ياخشى، ئورگانىك ماركا يارىتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشىمىز؛ كەسىپلەشتۈرۈش، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش يولىدا مېڭىپ، 1 - ، 2 - ، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى يادرو قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاھىدە قوللاش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تىرىشىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇشىمىز؛ مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى، ئالاھىدە يېمەكلىك قاتارلىق كەسىپلەرنى كۆلەملەشتۈرۈشىمىز ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز؛ نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق بايلىق خاراكتېرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بايلىق ئېچىشتىن يەرلىكنى تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز؛ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا يۈزلەنگەن ئېكسپورت، پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى، ساياھەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭدىن باشقا ئۆلكىلەرگە تۇتىشىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەم راۋانلاشتۇرۇشتا، نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قالاق بولۇش ۋەزىيىتىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.

  جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. نامۇۋاپىق چەكلىمە ۋە توسالغۇلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئېچىۋېتىش، جانلاندۇرۇش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە تەسىرىنى چوڭقۇر تونۇپ، بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاساسىي ئەھۋال ۋە ئەۋزەللىكنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، بىرىكىش نۇقتىسى ۋە كېسىشىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ھازىرقى ئالاھىدە قوللاش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. تەرەققىيات ئېڭىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، «خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئامما بىرىنچى، ئاساسىي قاتلام مۇھىم» دەيدىغان تەلەپنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، سۇ، توك، يول، گاز، ئۆيدىن ئىبارەت بەش چوڭ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز؛ داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېزا، كەنتلەرگە مايىللىشىشنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز؛ يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىمىز؛ ھەر قايسى مىللەتلەر باراۋەر بولۇش ئاساسىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇشىمىز؛ شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز؛ ئاممىغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەشنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك.

  مائارىپنى گەۋدىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. «بىر يىل بالدۇر ھەل قىلساق، بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىنى تەسىرگە ئۇچراتمايمىز» دەيدىغان تەخىرسىزلىك ئېڭى بىلەن تۈرلۈك شەكىلدىكى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاش يوللىرىنى كېڭەيتىش، شىنجاڭ ئىچىدە تەربىيەلەشنى قوللاش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، «31 - بەش يىل» مەزگىلىدە جەنۇبىي شىنجاڭدا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقلىق خادىملارنى تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «بەشنى تونۇش» قارىشىنى كۈچەيتىشىمىز؛ ئاساس مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش ئىقتدارىنى كۈچەيتىشىمىز؛ ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدا مەكتەپ قۇرۇشىغا پائال ئىلھام بېرىشىمىز ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللىشىمىز كېرەك.

  جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە قىيىن نۇقتىسى. شۇڭا ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن نىشان بويىچە، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالاھىدە قوللاش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، «بىر جاينىڭ تەبىئىي بايلىقى شۇ جاينى باقالمىغان بولسا»، شۇ جايدىكى نامراتلارنى باشقا مۇۋاپىق جايغا كۆچۈرۈش، ئېكولوگىيەسى مۇھىم ۋە ئاجىز رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداپ، شۇ جايدىكى نامراتلارنى يۆلەش، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغانلارنى ئاشكارا كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلاشقانلارنى داۋالاش - قۇتقۇزۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويىچە كەنتلەرگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەيدىغان ئورۇنلار ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى رايونلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلارنى يۆلەش ۋە روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات» يولىدا مېڭىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئىش قاتارىدا تۇتۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات شەكلى ۋە يېشىل تۇرمۇش شەكلى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۇ بايلىقى يېتىشمەسلىك جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ، «ئۈچ قىزىل سىزىق»نى چىڭ ساقلاش، يېزا ئىگىلىكىدە سۇنى تېجەشنى جەنۇبىي شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنىڭ مۇھىم ھالقىسى قىلىش، قانۇنسىز بوز يەر ئېچىشنى قاتتىق چەكلەش، تېرىلغۇ يەرلەرنى قايتۇرۇپ، سۇ تېجەشنى تەرتىپلىك يولغا قويۇپ، ئۆستەڭ سۈيىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇغىرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىپ، سۇ ھوقۇقى ۋە سۇ باھاسى ئىسلاھاتىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى. شۇڭا ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تولۇقلاپ، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشىغا پايدىلىق مۇھىت يارىتىش، جەنۇبىي شىنجاڭدا كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۇزاقتىن بۇيان كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار يېتىشمەسلىكتەك قىيىن مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كادىرلارنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى ھەر مىللەت ئامما چىن دىلىدىن ئېتىراپ قىلىدىغان ھەم ھىمايە قىلدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈش كېرەك.جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلامدىكى ئاساس خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش، ئاساسنى پۇختىلاشنى شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەسلىك، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك. كۈچنى كەنتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قابىل كىشىلەرنى كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىلىقىغا تاللاپ ۋە سەپلەپ، كەنت دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەيتىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ تەشكىلاتلارنى ياخشى تەرتىپكە سېلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر بايقالسا، بىرىنىمۇ قويماي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئۇلارغا ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك. «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى سىجىل ھەم چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ياخشى رول ئوينىيالايدىغان ئاساسىي قاتلام تايانچلىرىنى داۋاملىق تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا «مەڭگۈ كەتمەس خىزمەت ئەترىتى» قالدۇرۇش كېرەك.جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: جەنۇبىي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پايدىلىق بولۇشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۈپ نىشانى قىلىپ، «بەشتە چىڭ تۇرۇش»، «ئالتە تېخىمۇ»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، «12 - بەش يىللىق» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ ۋە باھالاپ، «13 - بەش يىللىق» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. سانائەتلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلەشمە تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات چارىسى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، تۈەنلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بىڭتۈەننى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ، پېچ ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. شۇڭا جايلار ۋە تارماقلار جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە پۈتۈن پارتىيە خىزمىتى ئومۇمىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئورنىنى چوڭقۇر تونۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۈچى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سۇبيېكتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ سۇبيېكتىلىق ئورنى ۋە ئىجادچانلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» ۋە «تۆتتە كۈچلۈك بولۇش»، «چۈشىنىش، ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تە باشلامچى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى تەرەققىيات يولىدا ئىزدىنىپ، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كادىرلار مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش روھى، تۆھپە قوشۇش روھى، پارتىيە ۋە كەسپىگە سادىق بولۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر خۇلاسە قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى قوللاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش سەپەرۋەرلىكى قىلىندى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم ۋەزىپە دەپ بىلىپ، جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ سۆزىنىڭ ئىدىيەۋى مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، «پىكىر»دە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئاساسىي پىرىنسىپ، نىشان، ۋەزىپە ۋە سىياسىي تەدبىرلەرنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيەمىزنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. يىغىن روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشنى ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھازىر چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تېمىسىدىكى تەربىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يىغىننىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلاملارغىچە ھەقىقىي يەتكۈزۈپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاپتونوم رايوننىڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى، بولۇپمۇ تارماقلار، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۈەننىڭ ئورتاق سىياسىي مەسئۇلىيىتى. بىز ئىدىيەۋى تونۇشىمىزنى ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاڭلىقلىقىمىزنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز؛ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى؛ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا قىلغان غەمخورلۇقى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەلىپى ۋە نىشان، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ ۋە ئۇنى قوزغاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابىكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى بۆلۈم، كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارە، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مەسئۇللىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر