باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالتە تۈركۈم سۈپەتسىز يېمەكلىك ئاشكارىلاندى

كۆپىنچىسى پىنتوزا بۇلۇپ، ئاليۇمىن قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن

2015.11.04 13:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك - دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى 2015 - يىللىق 5 - قېتىملىق دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغان بۇلۇپ، ئالتە تۈركۈم لاياقەتسىز يېمەكلىك ئاشكارىلاندى. ئاشكارلانغان ئالتە تۈركۈم لاياقەتسىز يېمەكلىك ئىچىدە تۆت تۈركۈمى پىنتوزا بۇلۇپ، تەركىبىدىكى ئاليۇمىن قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك - دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن، شىنجاڭ يېمەكلىك - دورا تەكشۈرۈش ئورنى، شىنجاڭ مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورنى قاتارلىق 5 تەكشۈرۈش ئورگىنى پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا ئىشلەپچىقىرىپ، تىجارەت قىلىۋاتقان 17 چوڭ تۈردىكى 413 تۈركۈم يېمەكلىك ۋە 114 تۈركۈم ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىگە قارىتا نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. بۇلار ئىچىدە، يېمەكلىكنى نازارەت قىلىپ ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشتە،لاياقەتلىك مەھسۇلات 407 تۈركۈم، لاياقەتسىز مەھسۇلات 6 تۈركۈم بۇلۇپ، لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتى % 1.5 كە چۈشۈرۈلدى؛ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈلگىنى 114 تۈركۈم بۇلۇپ، ھەممىسى لاياقەتلىك بولغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر