باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئالاقىدار ‹13-بەش يىللىق › يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە دائىر تەكلىپى» توغرىسىدا چۈشەنچە

شى جىنپىڭ

2015.11.04 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ھازىر «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ‹13-بەش يىل› لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە دائىر تەكلىپ» لايىھەسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي يىغىندا تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرىمەن:

  بىرىنچى، پىكىرنى يېزىش جەريانى

  «13-بەش يىل» مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، پارتىيەمىز بېكىتكەن «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يېڭىش-يېڭىلىش بەلگىلىنىدىغان باسقۇچ. «13-بەش يىل» لىق يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپنى ياخشى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىدى شەرھىلىنىپ، تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، نىشان، تەلەپلىرى، ئاساسىي ئىدىيەسى، مۇھىم تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق پىلانىنى تەسۋىرلىنىپ،ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

  شۇڭا بۇ يىل 1-ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «13-بەش يىل» لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى قاراپ چىقىپ، مەن گۇرۇپپا باشلىقى، يولداش لى كېچياڭ، جاڭ گاۋلىنى مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولىدىغان گۇرۇپپىنى قۇرۇپ چىقىش، ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىكنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى قاتناشقان ھۆججەت يېزىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەش، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە تەكلىپ لايىھەسىنى يېزىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش قارار قىلىندى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى «ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ‹13-بەش يىل› لىق يىرىك پىلان تەكلىپىگە مۇناسىۋەتلىك پىكىر ئېلىشنى مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى چىقىرىپ، پارتىيە ئىچىدە بەلگىلىك دائىرىدە تەكلىپ-پىكىر ئالدى. تەكلىپ يېزىش گۇرۇپپىسى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 1- ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، تەكلىپ يېزىش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر