باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 50 قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلات ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2015.11.05 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 50 قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلات ھېچقانداق سالاھىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 7 قانۇنسىز ياشانغانلار ياتىقى تاقىۋېتىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 3- نويابىر مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرىنى تىزىملاش باشقارمىسى ئىگىلىشىچە، بۇيىل 6 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا قارىتا بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا قانۇنسىز تەلىم - تەربىيە ئاپپاراتلىرى ۋە ياشانغانلار ياتىقى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان. ھازىرغا قەدەر، شەھەر بويىچە بىر ياشانغانلارنى ھاۋالە بىلەن بېقىش ئورنى ( پونكىتى)، 34 قانۇنسىز مەكتەپ باشقۇرۇش نۇقتىسى ۋە سەككىز قانۇنسىز بالىلار باغچىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. تىيانشان رايونى شور بۇلاق كوچىسى گۈلئەنبەر يولىدىكى بىر ئۆزى سالغان ئۆيدىكى كاڭ فۇشىن دەپ ئاتالغان ياشانغانلار ياتىقىىمۇ ھېچقانداق سالاھىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تاقىۋېتىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر