خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى يەرمەنكىسى 5- نويابىر شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. ئويۇن، مەدەنىيەت، ماكېر، كارتون، رەقەملىك مۇلازىمەت، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك قوغداش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بۇ يەردە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى يەرمەنكە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 2 - ۋە 3 - نومۇرلۇق سارىيىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى12230 كۇۋادىرات مىتىر، جەمئىي 590 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان بۇلۇپ، شېنجېن، شاڭخەي ،شىزاڭ، جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ، شىنجاڭ ۋە تەيۋەن، شياڭگاڭ رايونىدىكى 200 دىن ئارتۇق كارخانا بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى