باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خانويغا بېرىپ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2015.11.06 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-نويابىر ۋىيېتنامنىڭ پايتەختى خانويغا بېرىپ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان شۇ جاي ۋاقتى چۈش سائەت 11:50لەرە خانوينىڭ نويبەي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قوندى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلاندىن چۈشكەندە ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي تەشۋىقات-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دىڭ شىشيوڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن زۇڭلى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فەن پىڭمىڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى تاشقى تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ پىڭجۈن، دۆلەت رەئىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تاۋ يۆجۇڭ قاتارلىقلار ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ۋىيېتناملىق ياشلار شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمىغا گۈل تەقدىم قىلدى. ھەربىيلەر قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ ھۆرمەت سالىمى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە ۋىيېتنام خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ۋىيېتنام تاغ-دەريالىرى تۇتىشىدىغان دوستانە قوشنا دۆلەت، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمى، تەرەققىيات يولى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، كەلگۈسى تەقدىرى بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز موللىشىپ، سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆستى. يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى داۋاملىق چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت يارىتىپ، رايونلارنىڭ تىنچ، مۇقىم، گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. جۇڭگو جۇڭگو-ۋىيېتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك ئېتىبار بېرىدۇ، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋىيېتنام بىلەن بىرگە ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەپ، دوستانە كېڭىشىپ، جۇڭگو-ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۇزاق مەزگىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ، رەئىس جاڭ جىنچۇاڭ قاتارلىق ۋىيېتنام كومپارتىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى ۋە ۋىيېتنامدىكى ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن كەڭ ئالاقىلىشىپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى پارتىيەنىڭ مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنى پىلانلاپ، جۇڭگو-ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر