باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا پەۋقۇلئاددە زور بۆكەن مۈڭگۈزى ئەتكەس قىلىش دېلوسى پاش قىلىندى

2015.11.06 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتىنىڭ تۇرغۇت چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى يېقىندا تەكشۈرۈش جەريانىدا، چېگرىدىن ئوغرىلىقچە كىرگۈزۈلمەكچى بولغان 5300 دانە ئەتكەس بۆكەن مۈڭگۈزى، 25 مىڭ دانە بۇقا چىۋىقىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ دېلوغا چېتىشلىق سومما تەخمىنەن 160 مىليون يۈەن بولغان. چېگرا رايون ئوفتسېر-جەڭچىلىرى دېلوغا چېتىشلىق شوپۇر تەمىنلىگەن يىپ-ئۇچىغا ئاساسەن، ئىككى كۈنلۈك قاتتىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن، تۆت نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ دېلو شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى تارىختىن بۇيان تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق چېگرا ھالقىغان بۆكەن مۈڭگۈزىنى ئەتكەس قىلىش دېلوسى بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ دېلو يەرلىك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر