خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : توغراقنىڭ « مىڭ يىللىق ياشايدۇ، ئۆلسىمۇ مىڭ يىللىق يىقىلمايدۇ،يىقىلسىمۇ مىڭ يىل چىرىمايدۇ» دېگەن گۈزەل نامى بار، توغراق بىر خىل روھ، ئۇ قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىقتىن، ناچار مۇھىتتىن قورقمايدۇ، بۇنداق چىدامچان روھى كىشىلەر تەرىپىدىن مەدھىلىنىدۇ.تارىم توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي - شىمالىي چېتىگە جايلاشقان بولغان تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى، بايىنغۇلىن ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇملۇق تاشيولىغا 70 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئىپتىدائىي توغراقلىق باغچىسى، شۇنداقلا پۈتكۈل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئىپتىدائىي توغراقلىق ئەڭ مەركەزلەشكەن رايون بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. يىپەك يولى قەدىمىي شەھىرىنى ئىزدەش، تارىم دەرياسى توغراقلىقىغا ساياھەت، بۈگۈردىكى نېفىتلىك، تەكلىماكانغا كىرىپ قوملۇقنى كۈرۈش.... نۇرغۇن جۇڭگو ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى بۇ يەرگە كىلىپ قۇملۇق، دەريا ۋە ھەيۋەتلىك توغراقلىقتىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى