باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون جۇڭگو-فىرانسىيە باشلىقلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى بىرلەشمە باياناتىنى ماختىدى

2015.11.05 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 4-نويابىر جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ يېقىندا «جۇڭگو-فىرانسىيە باشلىقلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى بىرلەشمە باياناتى» ئېلان قىلغانلىقىنى ماختاپ: ئىككى دۆلەت يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ يېڭى كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى دېدى. بان كىمون شۇ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «جۇڭگو-فىرانسىيە باشلىقلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى بىرلەشمە باياناتى» يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى يېڭى كېلىشىمى سۆھبەت مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. مەن بۇنىڭدىن مەمنۇن.

  بان كىمون مۇنداق دېدى: كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرى شىددەت بىلەن ئاشماقتا، يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى يېڭى كېلىشىمىمۇ كۈچەيتىلىشى كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشى يېڭى كېلىشىمى يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش تارىخىدا ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلىنىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر