خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 152-ھەربىي پاراخوت ئەترىتى شۇ جاي ۋاقتى 3-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ جېكسون ۋېلمىت پورتىغا يېتىپ كېلىپ، ئامېرىكىدىكى بەش كۈنلۈك دوستلۇق زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدا زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.
زىيارەت مەزگىلىدە، پالۇبا كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، بىر قىسىم ئوفىتسىر – ئەسكەرلەر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۆتكۈزۈلگەن كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە دالا زىياپىتىگە قاتنىشىدۇ. جۇڭگو ئامېرىكا ئىككى تەرەپ دېڭىز ئارمىيەسى ئوفىتسېر - ئەسكەرلىر ئۆز ئارا پاراخوتنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋە پۇتبول، ۋاسكېتبول، ئارغامچا تارتىشىش دوستلۇق مۇسابىقىسى قاتارلىق مەدەنىي ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ. زىيارەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ يەنە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى