باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى سۆزى» نىڭ ۋېيتنامچە نەشىرى خانويدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2015.11.05 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى سۆزى» نىڭ ۋېيتنامچە نەشىرى 4-نويابىر ۋېيتنام خانويدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى سۆزى» نىڭ ۋېيتنامچە نەشىرىنى جۇڭگو چەتئەل تىل-يېزىق نەشرىياتى بىلەن ۋېيتنام دۆلەت سىياسىي نەشرىياتى بىرلىشىپ تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدى.

  «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى سۆزى» نى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت-ماتېرىياللار تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە جۇڭگو چەتئەل تىل-يېزىق ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ تۈزگەن، چەتئەل تىل-يېزىق نەشرىياتى بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە، فرانسۇزچە، رۇسچە، ئەرەبچە، ئىسپانچە، پورتۇگالچە، نېمىسچە، ياپونچە قاتارلىق كۆپ خىل تىلدىكى نەشىرىنى 2014-يىلى 9-ئايدا پۈتۈن دۇنياغا تارقاتتى. «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى سۆزى» گە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى 79 پارچە سۆزلىگەن سۆزى، سۆھبىتى، نۇتۇق سۆزى، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابى، تەستىقىي يوليورۇقى، تەبرىك خېتى 18 مەخسۇس تېمىغا ئايرىپ كىرگۈزۈلدى. ھازىر بۇ كىتاب 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا تارقىتىلغان بولۇپ، تارقىتىلىش مىقدارى 5 مىليون 200 مىڭدىن ئاشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر