باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى

2015.11.06 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىۋاتقان مەزگىلدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-نويابىر ۋىيېتنام «خەلق گېزىتى» دە «قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو-ۋىيېتنام م ۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى» تېمىسىدىكى ئىمزالىق ماقالىنى ئېلان قىلدى. ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ ۋە دۆلەت رەئىسى جاڭ جىنچۇاڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ۋىىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. گوياكى قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، يولداشلارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولدۇم، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

  بۇ قېتىم جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىيېتنامغا بېرىپ زىيارەتتە بولۇشۇم. جۇڭگو-ۋىيېتنام ۋە جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى تىلغا ئالغاندا، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تونۇشلۇق بولغان «ۋىيېتنام-جۇڭگونىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، بىر دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىدۇ، سەھەردە كۆرۈشسە، كەچتە تەلمۈرىدۇ، سەھەردە خورازنىڭ چىللىشىنى تەڭ ئاڭلايدۇ» دېگەن ناخشىنى ئەسلىتىدۇ. تاغ-دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلىقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.

  يېقىنقى دەۋردىن بۇيان، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت خەلقى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە ئۆزئارا قوللاپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، نۇرغۇن قىزىق داستانلارنى قالدۇردى. ۋىيېتنام خەلقىنىڭ ئۇلۇغ داھىسى رەئىس خۇ جىمىڭ ئىلگىرى جۇڭگودا «ۋىيېتنام ياشلار، ئىنقىلابىي يولداشلار ئۇيۇشمىسى» قۇرغان ھەم ۋىيېتنام ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، ئېلىمىز زېمىنىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ، ئېلىمىز ئارمىيەسى ۋە خەلقى بىلەن چوڭقۇر ئۇرۇش دوستلىقى ئورنىتىپ، «جۇڭگو-ۋىيېتنام دوستلىقى چوڭقۇر، خەلقى قېرىنداش» قاتارلىق كىشىنى ھوزۇرلاندۇرىدىغان شېئىرلارنى يازغان.

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ۋىيېتنام غايە-ئېتىقادى ئوخشاش، كەلگۈسى تەقدىرى بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى دۆلەت، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى كۈنسېرى بېيىتىپ، ئورتاق مەنپەئىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو-ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق رەھبەرلىك كومىتېتى قاتارلىق كۆپ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى قۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، ئىنسانلار مەدەنىيىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ياراتتى.

  ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو ۋىيېتنام كومپارتىيەسىنىڭ 12-قۇرۇلتىيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ھەم ۋىيېتنامنىڭ دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭىلاش ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. جۇڭگو قوشىنلار بىلەن ئەپ ئۆتىدىغان، قوشنلاردىن ئايرىلمايدىغان ئەتراپ دىپلوماتىيە فاڭجېنى ۋە ئىناق، سەمىمىي، دوستانە، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك ئەتراپ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيادىكى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر