باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا شەرقتىكى توققۇز دۆلەت ۋە ش ئا ئە ت بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى

2015.11.05 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوتتۇرا شەرقتىكى توققۇز دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى 4-نويابىر رۇمىنىيەنىڭ پايتەختى بۇخارېستتا يىغىن ئېچىپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قوللىنىپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. يىغىندا قانداق قىلغاندا شەرق ۋە جەنۇبنىڭ بىخەتەرلىك خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا ماقۇللانغان باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى توققۇز دۆلەت بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، ئىتتىپاقداش ئارمىيەنى زورايتىش، ئىشەنچلىك ۋە ئىمكانىيەتلىك ھەربىي ئىشلار مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان توققۇز دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى شەرقتىن كەلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك خىرىس ۋە تەھدىتلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى. رۇمىنىيە بىلەن پولشا، بۇلغارىيە، ئېستونىيە، لىتۋا، لاتۋىيە، سلوۋاكىيە، ۋېنگىرىيە ۋە چېخنىڭ زۇڭتۇڭلىرى ياكى ۋەكىللىرى ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئالېكساندر ۋېشوب يىغىنىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر