باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بېيجىڭ 6- باسقۇچلۇق»موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى 2017- يىلى يولغا قويۇلۇپ دۇنيا بويىچە ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم بولۇپ قىلىشى مۇمكىن

مۇشۇ ئايدا خەلق رايى سىنىلىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قاتتىق موتولۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى بولۇپ قالىدۇ

2015.11.10 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ب د ت مۇھىت پىلان مەھكىمىسى«بېيجىڭ ئاتموسفېراسىنىڭ بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش مۇساپىسى: 1998-2013 »دوكلاتىنى دەسلەپكى باھالاش نەتىجىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. بيېجىڭ شەھەرلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسى موتولۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش ئەھۋالىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى كۈنشېڭ مۇنداق دېدى: بېيجىڭنىڭ 6- باسقۇچلۇق موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى لايىھەسى تەكشۈرۈپ بېكىتىش باسقۇچىغا كىردى، مۇشۇ ئايدا جەمئىيەتتىن پىكىر ئېلىش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ ئۆلچەم دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق بولغان موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئۆلچەمنىڭ 2017- يىلى يولغا قويۇلۇشىدىن ئۈمىد بار.

  لى كۈنشېڭ مۇنداق دېدى:«يېڭى ئاتمۇسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش قانۇنى»غا ئاساسەن، نۇقتىلىق رايونلار تېخىمۇ قاتتىق بولغان بولغىما قويۇپ بېرىشنى تىزگىنلەش تەدبىرىنى تۈزسە بولىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، بېيجىڭ يېڭى بىر باسقۇچلۇق موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقتى. ھازىر بۇ ئۆلچەم لايىھەنى ئاخىرقى تەكشۈرۈپ بېكىتىش باسقۇچىغا كىردى. ئۆلچەم كونكىرېت بەش تۈرلۈك ئۆلچەمگە ئايرىلدى، بۇ بېنزىن، سەلەركە، بېنزېن يېقىلغۇلۇق يىنىك ئاپتوموبىل، ئېغىر ئاپتوموبىل، ئېغىر موتور. نۆۋەتتىكى ئىلگىرىلەشكە قارىغاندا، مۇشۇ ئايدا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدىكەن.

  بېيجىڭ 6- باسقۇچلۇق» كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتى توغرىسىدا لى كۈنشېڭ پىكىر ئېلىش جەريانىدا يولغا قويۇلۇش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار چىقىپ قىلىشى مۇمكىن. بىراق ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ ئۆلچەم دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق بولغان موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىشنى تىزگىنلەش توغرىسىدىكى ئۆلچەم بولۇپ، ئاپتوموبىل، يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا بەلگىلىك تەييارلىق ۋاقتى بېرىلىشى كېرەك، بۇ ئۆلچەمنى 2017- يىلى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر