باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى تارقىتىش دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ليۇ يۈنشەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2015.11.09 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 16-قېتىملىق جۇڭگو مۇخبىرلار بايرىمى ھارپىسىدا، 25-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتىنى تارقىتىش دوكلات يىغىنى 8-نويابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئاخبارات خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاخبارات سېپىدە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچنى «13-بەش يىل» غا مۇجەسسەملەپ، «ئۆزگەرتىش، ئىسلاھات يولىدا مېڭىش» نى چوڭقۇرلاشتۇۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك جامائەت پىكرى مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: «13-بەش يىل» مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭىش-يېڭىلىشى بەلگىلىنىدىغان ھالقىلىق مەزگىل بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئاخبارات خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، كۈچنى «13-بەش يىل» غا مۇجەسسەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ماس تەرەققىي قىلىش، يېشىل تەرەققىيات، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرلىنىشنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى كۈرەش ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا بېغىشلىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر