باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇملاشقاندىن كىيىن،مۆلچەرلىنىشىچە 2029-يىلىغا بارغاندا ئېلىمىزنىڭ نوپۇسى1مىليارد 450 مىليونغا يېتىدىكەن

2015.11.11 13:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ 10- نويابىر ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ پېيئەن پىلانلىق تۇغۇت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ۋە سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ۋاڭ پېيئەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ھېسابلاش نەتىجىسىدە، ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 140مىليون بىر پەرزەنتلىك بولغان، نىكاھلانغان، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ ئىچىدە ھازىرقى تۇغۇت سىياسىتى بويىچە 2 پەرزەنتلىك بولسا بۇلىدىغانلار تەخمىنەن 50مىليوندىن ئارتۇق بۇلۇپ،% 37 نى ئىگىلىگەن؛ ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، يېڭىدىن ئىككى بالىلىق بولۇشنى نىشانلىغان كىشىلەر تەخمىنەن90 مىليوندىن ئارتۇق بۇلۇپ، % 63 نى ئىگىلىدى . يېڭىدىن كۆپەيگەن كىشىلەر توپىدا 40ياشتىن 49 ياشقىچە بولغانلار % 50 نى ئىگىلەيدۇ.

  ۋاڭ پېيئەن مۇنداق دېدى : مۆلچەرلىنىشىچە، سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۇغۇلىدىغان نوپۇسنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، تۇغۇت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ يېڭىدىن ئىككى بالىلىق بولۇش ئاساسلىقى شەھەر – بازارلارغا مەركەزلىشىپ، بارلىق يېڭىدىن تۇغۇلغان2-پەرزەنت سانىنىڭ % 76 نى ئىگەللەيدۇ (بۇنىڭ ئىچىدە كۆچمە نوپۇس % 20 تىن ئاشىدۇ) ؛ پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئانچە چوڭ بولمايدۇ، ئەڭ يۇقىرى قىممىتى تەخمىنەن ئىككى يىلدىن كىيىن، 2029 - يىلى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ، 1مىليارد 450 مىليونغا يېتىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر