باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياڭ گاڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا سوت ئېچىلدى

2015.11.13 14:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ گاڭنىڭ پارا ئېلىشقا چېتىشلىق دېلوسىغا بېيجىڭ شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-سوتىدا ئاشكارا سوت ئېچىپ قاراپ چىقىلدى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 3-شۆبىسى ئۇنىڭ ئۈستىدىن مۇنداق شىكايەت قىلدى: جاۋابكار ياڭ گاڭ 1998-يىلى 4-ئايدىن 2012-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە، ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كادىرلار ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك سۈپەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ جىنشى مۈلۈكچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خوڭيۈەن مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى، مېڭ جىپېڭ قاتارلىق ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ مەھسۇلات سېتىش، تەرەققىيات تۈرىگە ئېرىشىش، خىزمەت يۆتكەش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەن. 2008-يىلى 2-ئايدىن 2013-يىلى 8-ئايغىچە، ياڭ گاڭ بىۋاسىتە ياكى ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر ئارقىلىق، يۇقىرىقى ئورۇن ۋە شەخسلەردىن 13 مىليون 790 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز پارا ئالغان. سوتتا، ئەيىبلىگۈچى ئورگان ئالاقىدار ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، ياڭ گاڭ ھەم ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى بىلەن ئىسپاتلارنى يۈزلەشتۈردى، ئەيىبلىگۈچى بىلەن ئاقلىغۇچى سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، پىكىرلىرىنى تولۇق بايان قىلدى، ياڭ گاڭ يەنە ئاخىرىدا سۆزلىدى ھەم سوتتا جىنايىتىنى بوينىغا ئېلىپ، جىنايىتىگە توۋا قىلدى. سوتتا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، سوتنىڭ توختىتىلغانلىقى، يەنە باشقا بىر كۈندە ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقى جاكارلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر