باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» ئېلان قىلدى

دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

2015.11.11 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى. «پىكىر» «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ يۈرۈشلەشكەن ھۆججىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىش مۇداپىئە سېپىنى تۈزۈلمە، مېخانىزم، تۈزۈم جەھەتتىن يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«پىكىر»دە مۇنۇلار دېيىلدى: دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ ئاشۇرۇش، ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نىشان قىلىپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزم، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى مەۋقە قىلىش، پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئومۇميۈزلۈك قاپلانغان، ئىش تەقسىماتى ئېنىق، ماس ھەمكارلىشىدىغان، كۈچلۈك كونترول قىلىدىغان دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىش خىزمىتىدە چوقۇم ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ ھوقۇق-مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىپ، ماس بىرىكتۈرۈش؛ قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش؛ تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
«پىكىر»دە بەش تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، زور كۈچ بىلەن كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسىمدا نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، كارخانىلارنى سىرتتىن نازارەت قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشنى يولغا قويۇپ جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. بەشىنچى، نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر