باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۈركىيە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ

دۇنيا جۇڭگونىڭ رولىدىن زور ئۈمىد كۈتۈۋاتىدۇ

2015.11.12 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى G20 باشلىقلار يىغىنىدىكى جۇڭگونىڭ رولىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى كۆرمەكتە. (مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۈنسۇڭ فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) رەھبەرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنى 15-نويابىردىن 16-نويابىرغىچە تۈركىيەنىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەر ئانتالىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان قارىشىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشتەك جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر قايسى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن قانداق قىلىپ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەيتىش، ئىقتىساد ئىسلاھاتىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا كېڭىشىدۇ.

  ئانتالىيە باشلىقلار يىغىنىغا دۇنيانىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، G20 يىغىنىدا بېكىتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، تەڭپۇڭ ئېشىش يولى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتەك مۇھىم ۋە مۈشكۈل بۇرچ يۈكلەنگەن. تۈركىيە باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جىددىي تەييارلىق قىلماقتا. پۈتۈن دۇنيا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەرەققىيات سۈرئىتىگە كۆز تىكمەكتە، ھەر قايسى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندىكى رولىغا تەقەززا بولماقتا.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر