باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تەكشۈرۈش چارىسى» ئېلان قىلدى

ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

2015.11.13 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىىيلەشتۈرۈش، جايلارنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «گوۋۇيۈەننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»گە ئاساسەن گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا « ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى تەكشۈرۈش چارىسى»نى تارقاتتى.

  ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئېلىمىزنىڭ بايلىق، مۇھىت چەكلىمىسى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان، ئاشلىققا بولغان ئېھتىياج بىر مەزگىل ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ۋە ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ئۇزاققىچە ئاساسەن تەڭپۇڭ بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىدىكى زۆرۈر تاللىشى.

  «تەكشۈرۈش چارىسى»دە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى، ئوبيېكتى، تەشكىلى، باسقۇچى ۋە پىرىنسىپى مۇقىملاشتۇرۇلغان ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش مەزمۇنى، باھالاش چارىسى، يولغا قويۇش باسقۇچى، نەتىجىدىن پايدىلىنىش، خىزمەت تەلىپى قاتارلىق كونكرېت ئىشلار ئېنىق بەلگىلەنگەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر