باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ سىياسەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ئىسلاھات مۇستەھكەم ئىستىھكامىغا ھۇجۇم قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئىشلەپ، «13بەش يىل» لىق يىرىك پىلاننىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاشنى تەكىتلىدى

جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2015.11.11 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-نويابىر سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىپ، مۇتەخەسىسلەر ۋە كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، ماكرو ئىگىلىك، پۇل مۇئامىلە، تاشقى سودا قاتارلىق ساھەلەردىن كەلگەن مۇتەخەسىس، ئالىملار ۋە مېخانىكا، كىيىم-كېچەك، ئېلېكترون، پولات-تۆمۈر، ئوبوروت قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ كارخانا مەسئۇللىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تۈرلۈك پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، ئېلىمىز ئىقتىسادىدا مۇقىملىق ئاساسى ساقلاندى، ئالدىن يولغا قويۇلغان قىسمەن كۆرسەتكۈچلەر ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خۇشاللىنارلىق ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۇرغۇتتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ يارقىن نۇقتىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئېشىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا، يەنە ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «13-بەش يىل» نىڭ يادرولۇق نىشانى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىراق بىز دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قىسقا مەزگىلدە تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان سىرلىق ۋەزىيىتىگە، دۆلەت ئىچىدە ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەر بارغانسېرى گەۋدىلىنىش ۋە «ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەر توزىقى» دىن ھالقىش قاتارلىق كۆپلىگەن خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز، شۇڭا يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىسادنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدىكى ئايلىنىشىنى ساقلاپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەپ تېزلىتىپ، يېڭى-كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىش مۇددىتىنى قىسقارتىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى باسقۇچلۇق سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2020-يىلىغا بارغاندا، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگولۇقنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىق قاتارلىقلاردا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 12 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈپ، «ئوتتۇرا دەرىجىلىك كىرىم توزىقى» دىن ئاساسەن ھالقىش كېرەك. بۇ، يېڭى تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى يارىتىدۇ، بىراق نىشانغا يېقىنلاشقانسېرى، خىرىسمۇ شۇنچە ئۆتكۈرلىشىدۇ، شۇڭا ئىشەنچىمىزنى ئىزچىل چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىمىز كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر