باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەمەننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش سەمىمىيىتى كەمچىل دەپ ئەيىبلىدى

2015.11.11 13:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەمەننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىياد، ياسىن 9- نويابىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىياددا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا، ھۆكۈمەتكە قارشى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ پىلانلىنىۋاتقان تىنچلىق سۆھبىتىگە سەمىمىيىتى كەمچىل دېدى.

  ياسىن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندا، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى يەمەننىڭ جەنۇبىدا يېڭىدىن قوراللىق ھۇجۇم قوزغىدى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ رايوننى ئىگىلىمەكچى بولدى، بۇ قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە سەمىمىيىتىنىڭ يوقلىغىنى چۈشەندۈردى. ئۆتكەن ئايدا،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا، يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇندىن ئىلگىرى ئىككى تەرەپ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بىراق مەغلۇپ بولغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر