- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ سىمىتنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە زۇڭتۇڭى گورك ۋە زۇڭلى مېركىلغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى
لى كېچياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى
2015.11.12 18:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى سىمىتنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 11-نويابىر گېرمانىيە زۇڭتۇڭى گورك ۋە زۇڭلى مېركىلغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامى بىلەن سىمىتنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدى ۋە سىمىتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىمىت ئەپەندى گېرمانىيەنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بوشاشماي تىرىشىپ، دۇنيا خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. 40 يىل بۇرۇن، سىمىت ئەپەندى جۇڭگونىڭ بىر ئەۋلاد پېشقەدەم رەھبەرلىرى بىلەن بىللە جۇڭگو-گېرمانىيە دوستانە ھەمكارلىق ئىشىكىنى ئېچىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئاكتىپ تۆھپە قوشقان.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقى جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدۇ ھەم گېرمانىيە ۋە گېرمانىيە خەلقى بىلەن بىللە جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر