باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: APEC سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىدىغان جاي ئەمەس

2015.11.12 18:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي تۈنۈگۈنكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: APEC سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىدىغان جاي ئەمەس، سەزگۈر مەسىلىلەرنى تارقىتىشقا قولايلىق يارىتىپ بەرمەسلىك كېرەك.

  مۇخبىرنىڭ سوئالى: خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى 10-نويابىر، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) ئاساسلىقى ئىقتىساد مۇنبىرى، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى فىلىپپىن (APEC) رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپىدە بولمىسىمۇ، يىغىن مەزگىلىدە مۇزاكىرىلىشىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ئىتتىپاقداش دۆلەت ۋە ھەمراھلار بىلەن ئۇچراشقاندىمۇ بۇ قارالمىنى مۇزاكىرىلىشىدۇ، دېگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟

  بۇنىڭغا قارىتا خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: APEC ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى، سىياسەت، خەۋپسىزلىك قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئارىلاشتۇرماسلىق ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق يىلدىن بۇيان ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشى، شۇنداقلا APEC مېخانىزمىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئالدىنقى شەرت. APEC سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىدىغان جاي ئەمەس، سەزگۈر مەسىلىلەرنى تارقىتىشقا قولايلىق يارىتىپ بەرمەسلىك كېرەك. ساھىبخان دۆلەت فىلىپپىنمۇ APEC يىغىنىغا سىياسەت، خەۋپسىزلىك قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئارلاشتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ APEC ئىقتىساد، سودا مۇنبىرىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئورتاق قوغداپ، ئاكتىپ رولىنى كۆپ جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىنى رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىققا مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆز رايونىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ۋە ئالغا ئىلگىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر