باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار ئارا كىملىك بېجىرىشكە بولىدىغان بولدى

10 ئۆلكە بىرگە بىر نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ

2015.11.13 13:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : يېقىندا ج خ مىنىستىرلىقى « كىملىك يۈتكەنلىكىنى جايلار ئارا ئىلتىماس قىلىش ۋە يىتۈرۈپ قويغۇچىنى چاقىرتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: نوپۇسى دائىم تۇرۇشلۇق جايدىن ئايرىلىپ باشقا ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر)دە قانۇنلۇق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئۇقۇۋاتقان، تۇرۇۋاتقان پۇقرالار ئۆزى تۇرۇشلۇق ج خ ئورگىنىنىڭ جايلار ئارا كىملىك بېجىرىش نۇقتىسىغا بېرىپ كىملىكىنى ئالماشتۇرۇش، تولۇقلاش رەسىمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ، كىملىك ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغانلار كىملىكنى تەكشۈرۈشكە تاپشۇرىدۇ، تولۇقلاپ بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغانلار نوپۇس دەپتىرى ياكى تۇرۇش كېنىشكىسىنى تەكشۈرۈشكە تاپشۇرىدۇ، ئاندىن گۇۋاھنامە ئېلىش ئۇچۇر تالونى بىلەن جايلار ئارا رەسىمىيەت بېجىرىش نۇقتىسىغا بېرىپ كىملىكىنى ئېلىۋالسا بولىدۇ. سالاھىيىتىنى بېكىتىش قىيىن ۋە ناچار ئىناۋەت خاتىرىسى بار كىشىلەرنىڭ جايلار ئارا كىملىك بېجىرىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ج خ مىنىستىرلىقى تيەنجىن بىلەن خېنەن ئۆلكىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسى بىلەن ئەنخۇي ئۆلكىسى، چوڭچىڭ بىلەن سىچۈەن ئۆلكىسى، خۇبېي ئۆلكىسى بىلەن خۇنەن ئۆلكىسى قاتارلىق 10 ئۆلكىدە كىملىكنى جايلار ئارا بېجىرىش بىرگە بىر نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇلىدىكەن. 2016- يىلى 7- ئايدا مەملىكەتنىڭ چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلىرى ۋە شارائىتى بار ناھىيە(شەھەر)لەردە جايلار ئارا بېجىرىش ئومۇملاشتۇرۇلىدىكەن. 2017- يىلى 7- ئايدا مەملىكەتنىڭ جاي جايلىرىدا جايلار ئارا بېجىرىش، يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە يىتۈرۈپ قويغان ئىگىسىنى چاقىرتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر