باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەلگۈسى بەش يىلدا قايسى كەسىپتىكىلەر ئەڭ كۆپ پۇل تاپىدۇ؟

2015.11.12 17:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىرىم ___ «13- بەش يىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپلەر ئارىسىدىكى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى. كەلگۈسى بەش يىلدا قايسى ساھەلەرنىڭ كىرىمى ئالدىن ئاشىدۇ؟ قايسى كەسىپتىكىلەر ئەڭ كۆپ پۇل تاپىدۇ؟ يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپلەردە كىرىمى ئاشىدىغان قانداق يېڭى ساھەلەر ئاشكارىلاندى؟ مۇخبىر يېقىندا بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

  يۇمتال ئىنژېنېرى بارغانسېرى بازار تاپىدۇ

  [باھا] ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئەمگەك كاپالىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى مو رۇڭ مۇنداق دېدى: «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئالاقە تورى، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئالاقىدار كەسىپتىكىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

  «كەنجۈن» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئىلگىرىكى «جىليەن» خىزمەت ئىزدەش تورىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاۋ پېڭ مۇنداق دېدى: ئالاقە تورى ئىلگىرى پەقەت بىر ساھە ئىدى، ھازىر ھەر بىر شىركەتتە بولۇشقا تېگىشلىك تېخنىكىغا ئايلىنىپ، كومپيۇتېر، يۇمتال تۈرىدىكى ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ ئاشتى، ئۇلارنىڭ مائاشى داۋاملىق ئۆسىدۇ، بولۇپمۇ زور سانلىق مەلۇمات ئىنژېنېرى، كۆچمە تەرەققىيات ئىختىساسلىقلىرى قاتارلىقلارغا بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ ئېشىپ، خىزمەت سىتاژى ئۇزۇنراق كىشىلەرنىڭ كىرىمى تېخىمۇ تېز ئۆسىدۇ.

  ساھە ھالقىغان ئىختىساسلىقلار قارشى ئېلىنىدۇ

  [باھا] جاۋ پېڭ مۇنداق دېدى: «ئالاقە تورى +» دەۋردە قوش ئىقتىدارلىق ساھە ھالقىغان ئىختىساسلىقلار كەم ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ مائاشىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقاندا، ھەم ئالاقە تورى ھەم پۇل مۇئامىلىنى چۈشىنىدىغان ئىختىساسلىقلار قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆز ساھەسىنىڭ قانۇنىيىتىنى ياخشى ئىگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىجتىمائىي ئالاقە تورنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىگەن ساھە ھالقىغان ماركېتىڭ خادىملىرىمۇ قارشى ئېلىنىدىغان ئىختىساسلىقلار.ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتتىق دېتال كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئەتىۋارلىنىدۇ

  [باھا] جاۋ پېڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتتىق دېتال كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كىرىمى داۋاملىق ئاشىدىغانلىقى مۇقىملىشىپ قالدى.. «شىياۋمى» يانفونىدىن «ئالما» قول سائىتىگىچە ۋە قان شېكىرىنى ئۆلچىگۈچ، ئېلېكتىرونلۇق ئىشىك كونتروللىغۇچ قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتتىق دېتاللارنىڭ ئىشلىتىلىشى داۋاملىق كېڭەيدى، لېكىن ئالاقىدار ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈرئىتى ۋاقتىنچە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا بولغاچقا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتتىق ماتېرىيال لايىھەلەش، ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تېخنىك خادىملار كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا ئىنتايىن ئەتىۋارلىنىدۇ.

  يېزا ئىگىلىك ھۆددىگەرلىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق

  [باھا] شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېيگو مۇنداق دېدى: كۆلەملەشكەن تىجارەت، كەسىپلەشكەن تىجارەت يېزىلاردا تېخىمۇ كۆپ «سالاپەتلىك دېھقان»لارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، جۇڭگو داۋاملىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسلىق رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۇقىرى كىرىملىك كەسپىي دېھقانلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.

  لايىھەلىگۈچىلەر راۋاج تاپىدۇ

  [باھا] جاۋ پېڭ مۇنداق دېدى: پەرقلىق خاس ئېھتىياج ئىستېمال ئېقىمغا ئايلاندى، كەلگۈسىدىكى سانائەت لايىھەلىگۈچى، كىيىم لايىھەلىگۈچى، تور بەت لايىھەلىگۈچى، تەكشىلىك لايىھەلىگۈچى قاتارلىقلارنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ.

  تۇغۇتلۇق ئايالغا قارىغۇچى، بالا باققۇچىلار يەنىلا «قىزىق» كەسىپلەرنىڭ بىرى بولىدۇ

  [باھا] مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: جەمئىيەتنىڭ قېرىلىشىشى ۋە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ياشانغانلارنى كۈتۈش، بالا بېقىش قاتارلىق مۇلازىمەت كەسپىدە كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا ئادەم كەمچىل بولىدۇ، پەرۋىش خادىمى، تۇغۇتلۇق ئايالغا قارىغۇچى، بالا باققۇچى قاتارلىق مۇلازىمەت خادىملىرىنىڭ ئىش ھەققى داۋاملىق ئۆسىدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر