باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپتوموبىل ئىسلاھاتى لايىھەسى يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ

27 ئۆلكە، رايون، شەھەرنىڭ ئاپتوموبىل ئىسلاھاتى لايىھەسى تەستىقلاندى

2015.11.13 13:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن شۇ دەرىجىلىك ئىسلاھاتاتقا قاتناشقان 140 تارماقنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان، 49355 مەمۇر ئىسلاھ قىلىشقا قاتنىشىپ، 3868 ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، %61.8 بېسىم يەڭگىللىتىلگەن، 2126 شوپۇر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەركەز بىۋاسىتە باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئاپتوموبىل ئىسلاھاتىمۇ يولغا قويۇلغان، مەركەز كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى جىددىي تۈزۈلۋېتىپتۇ، يېقىندا ئېلان قىلىنىدىكەن.

  جايلارنىڭ ئاپتوموبىل ئىسلاھاتى جەھەتتە، ھازىر ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئاپتوموبىل ئىسلاھاتى لايىھەسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولغان، 29 ئۆلكە، رايون يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، 27سىنىڭ لايىھەسى تەستىقلانغان. تەستىقلانغان 27 ئۆلكە، رايون، شەھەرنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 7 مىليون 729 مىڭ مەمۇر ئاپتوموبىل ئىسلاھاتىغا قاتنىشىدىكەن؛ ئىسلاھات قىلىشتىن بۇرۇن ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىدىن 1 مىليون 633 مىڭى بولۇپ، 739 مىڭى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن، بېسىمنى تۆۋەنلىتىش بېسىمى %45.22كە يېتىدىكەن؛ 569 مىڭ شوپۇر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر