باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى تەكىتلىدى

2015.11.16 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر تۈركىيە ئانتالىيەدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىنداستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، برازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېف قاتارلىق بەش دۆلەت رەھبىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچيتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابل تۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ «پۇرسەت يارىتىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرايلى» تېمىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە يېڭى ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كەلدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش ۋە ئاستىلاش شارائىتىدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دۇچ كۋلىۋاتقان مۇرەككەپ ۋە قىيىنچىلىق ئامىللىرى كۆپەيدى، ئىقتىسادىي ئېشىش سۈئىتى ئومۇميۈزلۈك ئاستىلاپ، تەرەققىيات تەڭشەش مەزگىلىگە كىردى. ساپ ئالتۇن ئوتتىن قورقمايدۇ، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتسەكلا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى جەزمەن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يەر-جاھاننى لەرزىگە سالالايدۇ.

  شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا تۆت تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچىدىن، تاشقى تەرەققىياتقا پايدىلىق مۇھىت يارىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشنى ئورتاق مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئىككىنچىدىن، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا قوللاپ، تۈرلۈك دۇنياۋى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش. ئۈچىنچىدىن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك خەلقئارالىق تەرەققىيات ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە دۇنياۋى تەرەققىيات شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىش. تۆتىنچىدىن، قول تۇتۇشۇپ ئىقتىسادنى سەرخىللاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق-شېرىكلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش قىممەت ھالقىسى ۋە چوڭ بازىرىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو باشقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرلىنىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر