باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇلاسلىقلارنىڭ پەخرى

2015.11.17 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (تۇرغۇن مىجىت، نۇرمۇھەممەت توخنىياز) جەمئىيتىمىزدە شۇنداق ئادەملەرمۇ باركى ئۇلارنىڭ يەتتە ئەزاسى بىجىرىم، ساق، قەددى-قامىتى راۋرۇس، ئەقلى-ھۇشى جايىدا، جىسمانى كۈچ-قۇۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بولسىمۇ، نىمىشقىدۇ قورسىقى ئاچ، ئۇچىسى يالىڭاچ قالمىسىلا شۇنىڭغا قانئەت قىلىپ ياشايدۇ. چەكلىك ھاياتىدا بىرەر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كىشىلەر قايىل بولغىدەك بىرەر نەتىنجە يارتىش،ھاياتتىن نام-نىشان قالدۇرۇش دېگەنلەر ئۇخلىسا ئۇلارنىڭ چۈشىگىمۇ كىرمەيدۇ، يەنە شۇنداقمۇ كىشىلەر باركى گەرچە ئۇلار جىسمانى جەھەتتىن مېيىپ-ئاجىز بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مېيىپ-ئاجىزلىقىغا تەن بەرمەي باشقىلاردىن تاما قىلماي ئەكسىنچە باشقىلارغا بىرىشنى ئويلاپ، چاممىسى، قۇدىرتى يەتكۈدەك ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھالال ئەجىر-مىھنىتىگە تاينىپ ياشاپ، ئادىمىلىك پەزىلىتىنى نامايەن قىلالايدۇ. مەزكۇر ماقالىدە بىز تەرىپىنى قىلماقچى بولغان بۇ كىشى دەل ئاشۇنداق ئۆزىنىڭ ھالال ئەجىر-مېھنىتىگە تاينىپ ئۆز قەدىر-قىممىتى ۋە ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى نامايەن قىلغان پەزىلەت ئىگىسىدۇر.

  «بالا-قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس، پۇت-قولىنى ساڭگىلتىپ»

  ئۇ ياشلىق كۈچ قۇۋىتى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۇرغۇپ تۇرۋاتقان، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇشتەك ئېغىر ۋەزىيپىنى بىجاندىل زىممىسىگە ئېلىپ ئۆزىنىڭ ھەرقانداق ئىشتا تولىمۇ ئەستايىدىل، تىرىشچان، كەسكىن، ئەتىراپىدىكى كىشىلەر بىلەن چىقىشقاق بولۇشتەك بىر قاتار ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خىزمەتتە ئۆزلىكسىز يېڭى نەتىنجە يارىتىپ، ئۆز كەنتى بويىچىلا ئەمەس، بەلكى يېزا بويىچىمۇ تېز كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئاۋام-خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىۋاتقان، يەنى كىشىلەر نەزىرىدە تازا «دەۋران سۈرىۋاتقان»، تېخى ئەمدىلا 32ياشقا كىرىپ ھاياتنىڭ قىران مەزگىللىرىگە قەدەم قويغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە «بالا-قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس، پۇت-قولىنى ساڭگىلتىپ» دېگەندەك ئومۇمنىڭ ئىشىنى قىلىۋېتىپ تاسسادىبىي ھادىسىگە ئۇچۇراپ، بەل ئۇستىخان ئۇمۇرتقا سۆڭىكى سونۇپ كېتىپ ئورنىدىن تۇرالمايدىغان ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قالدى. بۇ كەچ كۈزنىڭ سوغىقى بارغانسىرى كۈچۈيىپ ئاچچىق سوغاق بولىۋاتقان، تۇنجى قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان 1997-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىدى.

  ئۇ ئاشۇ ئىشتىن كېيىن قايتا ئورنىدىن تۇرالمىدى، ياشاش ئىستىگى، ھاياتقا بولغان كۈچلۈك مۇھاببىتى بىلەن بىر ئاماللارنى قىلىپ، پۇل-ئىقتىساد توپلاپ، ناھىيە، ۋىلايەتتىكى نوپۇسلۇق دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، ئوزۇنغا سوزۇلغان داۋالىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. نىھايەت دوختۇرخانىلەرمۇ ئۇنى پۇلى تۈگىگىچە داۋالاپ، پۇلى تۈگىگەندىن كېيىن كېسەلخانىدىن چىقىرۋەتتى، ئۇنىڭدا پۇل تۈگىدى، لېكىن ئاغرىق بىر ئاز پەسەيگەن بولسىمۇ، سونۇق ساقايمىدى. ئۇ تولىمۇ ئازاپلاندى، ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا بىتەلەي بولۇپ يارىلىپ قالغانلىقىدىن ئېچىندى، ئۇ روھى جەھەتتىن تەسسەللىگە، مېھرى-مۇھاببەتكە، ئىقتىسادىي جەھەتتىن پۇلغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە «پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق» دېگەندەك ئۇ ساغلام، بىجىرىم مەزگىللەردە توي قىلىپ، ھاياتنىڭ، بەخىتنىڭ پەيزىنى تەڭ سۈرگەن نەچچە يىللىق قەدىناس ھەمرايىمۇ ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئۇنى تاشلاپ كەتتى. ئارقىدىنلا «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەكلا بىر-بىرىدىن شۇنداق ئوماق چىرايلىق چوڭ بولىۋاتقا ئىككى ئوغلىمۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن ئارقا-ئارقىدىن بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالدى. ئارقا-ئارقىدىن كېلىۋاتقان بۇ دىشۋارچىلىق ۋە بەخىتسىزلىكلەر ئۇنى تولىمۇ گاڭگىراتتى، ئۇ تېڭىرقىدى، گەرچە كۈندۈزلىرى ئادەم بار يەرلەردە زورىغا كۈلۈپ يۈرسىمۇ، قىشنىڭ ئۇزاق تۈنلىرىدە، يازنىڭ ئايدىڭ كېچىلىرىدە ئۆزىنىڭ بەخىتسىزلىكىدىن ئېچىنىپ، ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئۈنسىز ياش تۆكتى، گاھىدا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي بۇقۇلداپ يىغلىدى، بىراق ئامال قانچە؟

  كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدىليەلىك باھالاش ئورنى ئۇنىڭ زەخمىسىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، باھالاش ئارقىلىق 1-دەرىجىلىك مېيىپ دەپ بېكىتتى. بۇنىڭغا ئاساسەن ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى ئۇنىڭغا 1- دەرىجىلىك مېيىپلىق گوۋاھنامىسى بەردى. ۋاقىت ھەممىنى ھەل قىلىدۇ، شۇنداق، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ جىسمانى جەھەتتىكى ئاغرىق ئازاۋىي پەسىيىشكە، روھى جەھەتتىكى ئازاپلىرى بارغانسىرى يېنىكلەشكە باشلىدى. بىزدە «يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى خوشناڭ ياخشى» دېگەن گەپ بار. ئۇنىڭ بېشىغا ئاشۇنداق ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە ئەتىراپىدىكى خۇلۇم-خوشنىلىرى، يۇرتداشلىرى، پارتىيە ۋە ھۆكىمەت ئۇنى تاشلاپ قويمىدى، ئۇنىڭغا قولىدىن كېلشىچە ياردەم قىلدى، ئۇنىڭغا روھى جەھەتتىن تەسسەللى، ئىلھام ۋە مەدەت بەردى. ئۇ يۇرتداشلىرىنىڭ تۇنۇشتۇرشى، ياردىمى بىلەن خوشنا مەھەلىلىك گاس-گاچا ئايال گۈلجامال يۈسۈپ بىلەن نىكاھلاندى، ھەم شۇنىڭدىن ئېيتىبارەن ئىككى دەرتمەن بىر بولۇپ، بەخىت ناخشىسىنى تەڭ توۋلاپ تۇرمۇش ھارۋىسىنى تەڭ سۆرەپ، ئۇزاق ھەم مۈشكۈل ھايات سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ خۇلۇم-خوشنىلىرى، يۇرتداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن 16مو تېرىلغۇ يېرىنى ھەر ھالدا ئوبدان تېرىپ، باشقۇرۇپ، بىر تەرەپتىن قەرز قايتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىمۇ ئوبدان قامداپ كەلدى.

  «ھۆنەر، ئەجىر قىلساڭ ئۆنەر»

  خەلقىمىز ئارىسدا «ھۆنەر، ئەجىر قىلساڭ ئۆنەر» دېگەن بىر جۈملە ھىكمەتلىك سۆز بار. ئۇ يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن چاقلىق ئورۇندۇقتا بىمالال ئولتۇرالايدىغان ۋە ئاز-تولا ھەركەت قىلالايدىغان بولغاندىن كېيىن، بىر چاغلاردا ئۆگۈنۈپ قويغان پولات-تۆمۈر كەپشەرلەش ھۆنىرىنى قايتا قولىغا ئېلىپ، دەسلىۋىدە يۇرتداشلىرىنىڭ ۋە يىراق- يېقىندىكى دېھقانلارنىڭ پارچە-پۇرات ئىشلىرىنى قىلىپ، ئىشلىرىنى بىر ئىزىغا سېلىۋالغاندىن كېيىن قايتا-قايتا تەتقىق قىلىش، سېناق قىلىش، ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ناھىيە بۇيىچە تۇنجى بولۇپ كېۋەز شادىسىنى قىيىش چاتما سايمىنىنى كەشىپ قىلىپ ياساپ چىقتى. ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى تېزلا شۇ جايدىكى ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشىپ، بازارلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندى. ئۇ بازار چاققاننىڭ دېگەندەك ۋاقىت ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەڭ تىز ۋاقىت ئىچىدە بۇ خىل چاتما سايماندىن چوڭ-كىچىك بولۇپ 50تىن كۆپرەكنى ياساپ سېتىپ چىقىرىپ، بىر تەرەپتىن دېھقانلارنىڭ تارىختىن بويانقى كېۋەز شادىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قول بىلەن يولۇش، كەتمەن، كەكە، ئوغاق بىلەن چېپىشتەك ئەنئەنىۋىي ئېغىر ئەمگەك سىجىللىقىنى يەڭگىللىتىپ، ۋاقىتنى تىجەپ ئۇلارغا قولايلىق ياراتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزىمۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 20مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ساپ كىرىم قىلىپ، ئۆزىنىڭ قولى قىسقا نامراتلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. شۇ تاپ ئۇنىڭ نەزىرىدە قۇياش ۋە تەبىئەت ئۇنىڭغا بۆلەكچە تەبەسسۇم قىلۋاتقاندەك، ئۇنىڭ ياشاش يولى بارغانسىرى كەڭىيىپ، بەخىت، ئامەت ئىشىكى قايتىدىن ئېچىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭغا تەلەي-ئامەت يۈزلەنگەن بۇ چاغلار 2003-يىلى كەچ كۈزنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى ئىدى.

  «يېتىپ يەي دېسەڭ باغ قىل، بېقىپ يەي دېسەڭ مال»

  بىزدە ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان «يېتىپ يەي دېسەڭ باغ قىل، بېقىپ يەي دېسەڭ مال» دېگەن بىر جۈملە ھىكمەتلىك سۆز بار. گەرچە ئۇ بەل ئۇستىخان ئۇمۇرتقا سۆگىكى سۇنۇپ ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ مېيىپلىقىغا قىلچە تەن بەرمەي ئۈمۈتۋارلىق، قەيسەرلىك بىلەن ھايات سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، ئۇ مېيىپ بولۇپ قالغناندىن كېيىنمۇ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە يېتىلگەن كىتاپ خۇمارلىق ئادىتىنى تاشلىماي 1995-يىلدىن باشلاپ ئۇدا ھەر يىلى ئۆز يېنىدىن 300يۈەندىن 400يۈەنگىچە پۇل چىقىرىپ «ئاقسۇ گېزىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ سەنئىتى»...قاتارلىق گېزىت-ژورناللارغا مۇشتېرى بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە باقمىچىلىق قاتارلىق ھەر خىل پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگەللىدى، ھەم مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ئۇلاردىن ئىلھام، ھۇزۇر ئېلىپ، مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتتى. ئۇ ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن نەزەريە بىلىملىرىگە ئاساسەن ئۇدا بىر قانچە يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئولتۇراق ئۆيىنىڭ ئەتىراپىدىكى بوش يەرلەرگە 50مىتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۈزۈم تېلى ئۆستۈرۈپ، قالىققا ئالدى، يەنە بىر مو يەرگە ھەر خىل سورتلۇق مىۋىلىك كۆچەتلەرنى تىكىپ، ئەستايىدىل تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق مىۋىگە كىرگۈزۈپ، كىشىنىڭ زوق-ھەۋىسىنى قوزغۇغىدەك چىرايلىق باغ بىنا قىلدى. ھەم بۇ باغنىڭ مىۋىسىدىن ئېھتىياجىدىن ئاشقىنىنى يىراق-يېقىندىن كەلگەن مىۋە-چىۋە سودىگەرلىرىگە ئەرزان باھادا سېتىپ ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 3000يۈەندىن كۆپرەك ساپ كىرىم قىلغاندىن باشقا، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاشقان ئۈزۈمىگە يۇرتداشلىرىنىڭ ئۈزۈمىنى سېتىۋېلىپ ئىككى توننىدىن ئۈچ توننىغىچە مۇسەللەس ئىشلەپ چىقىرىپ بۇنىڭدىنمۇ يىلىغا 15مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ساپ كىرىم قىلدى. ئۇ باغۋەنچىلىكتىن ئاز-تولا نەپ ئېلىپ قولى پۇل كۆرگەندىن كىيىن ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ 10مو يەرگە ياڭاق كۆچىتى تىكتى، ھازىر بۇ ياڭاق كۆچەتلىرى ئوبدانلا ئاينىپ ئالدى مىۋىگە كىرىشكە باشلىدى. يەنە ھەر يىلى 50توياق قوي، 200دىن ئارتۇق توخۇ چۈجىسى، غاز، ئۆردەك ئېلىپ بېقىپ سەمىرتىپ بۇنىڭدىنمۇ 20مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ساپ كىرىم قىلدى. ئۇ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئائىلە ئىگلىكىنى تېخىمۇ كەڭەيتىش، بېيىش قەدىمىنى تېخىمۇ تىزلىتىش مەقسىدىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2006-يىلى 3-ئايدىن 2008-يىلى 5-ئايغىچە قەدەر پىششىق خىشتىن 60كۇۋادىرات مېتىرلىق ئولتۇراق ئۆي، 50كۇۋادىرات مىتىرلىق تىجارەت ئۆيى سالدۇرۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى دوكىنى ئېچىپ كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ھەر يىلى 10مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ساپ كىرىم قىلىپ كەلدى، ھەم مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ 300پارچىغا يېقىن كىتاپ-ژۇرنال سېتىۋېلىپ دوكاننىڭ مۇئاپىق يىرىگە تىزىپ جايلاشتۇرۇپ يېزا بويىچە تۇنجى بولۇپ «دېھقانلار ئائىلە كۈتۈپخانىسى» قۇرۇپ، سىرتقا قارتا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىپ دېھقانلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشتى. ياخشىلىق ئۇنتۇلمايدۇ، ياخشىلىق يەردە قالمايدۇ، ياخشىلىق ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىنى تاپىدۇ، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ «دېھقانلار ئائىلە كۈتۈپخانىسى» يىراق-يېقىندىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ئالقىشلاندى، ھەم ھازىرقىدەك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى ۋە ياردىمىگە ئىرىشىپ، 25مىڭ يۈەن قىممىتىدە تۆت دانە كىتاپ ئىشكاۋى، 1070پارچە كىتاپ، 513پارچە ژورنال، 520دانە ئۈن-سېن بويۇملىرى بار، كومپىيوتېر، DWDئاپىراتى، تېلۋۇزۇر ۋە باشقا ھەر خىل چالغۇ ئەسۋاپلار قويۇلغان ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر تولۇق يۈرۈشلەشكەن، كۈندىلىك دائىملىق خېرىدارى 20ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىغان، ئادەم ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان ھەقىقى ئىسمى جىسمىغا لايىق «دېھقانلار ئائىلە كۈتۈپخانىسى»غا ئايلاندى.

  «قوينىڭدىن تۈكۈلسە، قونچۇڭغا تۈكىلەر»

  ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ئەگرى-توقاي ھايات مۇساپىسىدە جىسمانى جەھەتىكى ئاجىزلىقى، مېيىپلىقغا تەن بەرمەي بەخىت دەرۋازىسىنى ئېچىش ئۈچۈن ھارماي ئىزدەندى. ئۇ بۇ جەرياندا پۇل نەدە بولسا شۇ يەرگە باردى، نىمە كۆپ پۇل بولسا شۇ ئىشنى قىلدى. ئۇ ئاشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ناھىيە بازىرىنىڭ يوڭ شىن سودا شەھەرچىسىدە دېھقانچىلىق دورىلىرى سېتىش تىجارىتى بىلەن شوغۇللىندىغان ما جۈن ئىسىملىك خوجايىن بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇنىڭدىن دېھقانچىلىق دورىلىرىنى توپ باھادا ئېلىپ مەھەلىسىدە پارچە باھادا سېتىپ، بىر تەرەپتىن مەھەلىدىكى ھاجەتمەن دېھقانلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ ئۇلارنىڭ يىراق يولىنى يېقىنلاشتۇردى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇدا بىرقانچە يىل ئۆزىمۇ 5-6مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلىۋالدى. يەنە خېبىي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھرىدىكى ۋاڭ فامىلىلىك بىر چىلان سودىگىرى بىلەن دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنۇتۇپ، ھەر يىلى ئۆز كەنتى ۋە خوشنا كەنتلەردىكى دېھقانلارنىڭ چىلانلىرىنى ۋاڭ فامىلىك چىلان سودىگىرىنىڭ سېتىۋېلىشىغا ياردەملىشىپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دېھقانلارنىڭ 200توننىدىن ئارتۇق چىلانلىرىنى ئىلىم-سېتىم قىلىشىپ بىرىپ تەرەپلەرگە مۇناسىپ پايدا يەتكۈزدى. ئۇنىڭ سەمىمىي، راسچىل، خالىس، ئادىل بولۇشتەك ياخشى پەزىلىتىدىن تەسىرلەنگەن ۋاڭ خوجايىنمۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل ئىزھار قىلدى. ئۇ يەنە بۇ كەنتنىڭ يەرخوشنىسى بولغان قوشكۆۋرۈك كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ شىڭ چۇڭ دېھقان خې خەن باڭ، خۇاڭ خۇڭ قاتارلىق 15ئائىللىك خەنزۇ يولداشلار بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بويان ناھايتى يېقىن، ئىجىل-ئىناق ئۆتۈپ، بىر-بىرىنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت، تىل-يېزىقىنى ئۆگۈنۈپ، ئۆزئارا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىپ چاغان، روزاھېيىت، قۇربان ھېيىت مەزگىللىرىدە بىر-بىرىنىڭ ھېيىت-بايراملىرىنى قۇتلۇقلىشىپ ئىناق دوسلۇق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتتى. خەنزۇ يولداشلار ئۇنىڭغا دېھقانچىلىق بىلىملىرى ۋە تەجىربىلىرىنى ئۆگەتسە، ئۇ خەنزۇ يولداشلارغا ئۆزىنىڭ باغۋەنچىلىك، بورداقچىلىق بىلىملىرىنى ئۆگۈتۈپ بېيىش يولىدا قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ ئورتاق ئالغا ئىلگىرلىدى. ئۇ ئۆز كەنتىدىكى دېھقانلارغا ھالال ئىشلەپ ھاللىق سەۋىيەگە يىتىشتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاشتىلا باشلامچى بولۇپ قالماستىن، مائارىپنى، ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى، خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللاشتىمۇ باشلامچى بولدى. 2012-يىلى مۇشۇ كەنتتىكى نۇرئەخمەت ئەھەت ئالى مەكتەپكە ئۆتكەندە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئالى مەكتەپكە ماڭدۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ، ئۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن دەرھال نۇرئەخمەتنىڭ ئاتا-ئانىسىغا تەربىيە ئىشلەپ ئۇنى ئالى مەكتەپكە ئەۋەتىشكە قايىل قىلىدۇ، ھەم نەق مەيداندا 2000يۈەن ياردەم قىلىدۇ، يەنە ھەر يىلى نۇرئەخمەتكە بىرمىڭ يۈەن ئۇقۇش پۇلى ياردەم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ كەنتىكى 63ياشلىق نامرات، ئاجىز دېھقان ئاخنىياز ئەرشىدىن ئاغرىپ قالغان بولسىمۇ نامراتلىق تۈپەيلىدىن ياخشىراق داۋالىنىشقا قۇربى يەتمەي ئۆيىدە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا ئۇ تەشەبۇسكارلىق بىلەن ئۆز يېنىدىن 200يۈەن ياردەم قىلىش بىلەن بىرگە ئەتىراپتىكى خولۇم-خوشنىلارنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق 1150يۈەن پۇل يىغىش قىلىپ بوۋاينى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ داۋالىنىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھەم پات-پات بېرىپ يوقلاپ تۇرىدۇ. يەنە بۇ كەنتىكى 80ياشلىق موماي زورەم ئالىم ئاغرىپ قېلىپ پۇلى يوق داۋالىنالماي قالغاندا ئۇ باشلامچىلىق بىلەن ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، ھەم باشقىلارنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ 650يۈەن پۇل توپلاپ، موماينىڭ داۋالىنش چىقىمىنى ھەل قىلىدۇ. يەنە بۇ يېزىنىڭ ئۈستىكى ئەلەمقۇدۇق 2-گورۇپىسىدىكى دېھقان ئابدۇرېھىم ئابدۇكېرىم قاتناش ھادىسىگە ئۇچىراپ ئېغىر زەخمىلىنىپ، ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قالغانلىقتىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا ئۇ ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بويان ئىزچىل تۈردە ئابدۇرېھىم ئابدۇكېرىمنى يوقلاپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلدى. ئۇ كەنتىكى ياشلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن كەنت كادىرلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن كەنتنىڭ بۇرۇنقى تاشلاندۇق كۆلىگە بىر ۋالىبول مەيدانى ياساپ، ۋالىبولغا ئىشلىتىلدىغان توپ، سەتكە قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشقا يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بويان ئۆز يېنىدىن 1350يۈەن پۇل چىقىم قىلىدۇ.

  بىز يوقۇردا تەرىپىنى قىلۋاتقان بۇ كىشى جىسمانى جەھەتتىن 1-دەرىجىلىك مېيىپ بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ مېيىپلىقىغا تەن بەرمەي، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتى، غەيرەت-شىجائىتى، ھالال ئەجىر-مىھنىتى ئارقىلىق قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ بەخىت دەرۋازىسىنى ئاچقان، ئۆزىنىڭ بىر قاتار ئاددى ئەمما تولىمۇ تەسىرلىك ئىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئالقىشىغا ئىرىشكەن، ناھىيەلەك مېيىپلار بىرلەشمىسى 3-4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتېيىنىڭ ۋەكىلى، كومپارتىيە ئەزاسى ئاۋات ناھىيە ئايباغ يېزا ئۈستىنكى كۇلاس كەنتى 2-گورۇپپا ئەزاسى، 50ياشلىق ياقۇپ مۇھەممەت.

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر