باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇقىملىق ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەلىي ياردەم

2015.11.17 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرى گۈلباغ كەنت 2-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان، يەككە تىجارەتچى تۇرسۇنجان تۇرغۇن ئاۋات بازىرىنىڭ مۇقىملىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن 30مىڭ يۈەن چىقىرىپ توققۇز دانە ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت ئېلىپ بەردى.

  تۇرسۇنجان تۇرغۇن 1988-يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئۆرلەپ ئوقۇيالماي، بىر مەزگىل ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. ئەمما كۆڭلىدىن نېرى كەتمەيدىغىنى «بىزنىڭ يىرىمىز ئاز، بازارغا يېقىن، بىز پەقەت ئازغىنە يەر بىلەن تۇرمۇشىمىزنى خاتىرجەم قامداپ كېتەلەيمىزمۇ؟» دېگەن خىياللار ئىدى. شۇنىڭ تۈرتكىسىدە 1989يىلى كۈزدە ئاتا-ئانىسىغا كۆڭلىدىكىنى ئېيتى، ئاتاا-ئانىسىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئاتىسىنىڭ يېنىدا بار بولغان 137يۈەن پۇلنى ئېلىپ بازارغا يۈزلەندى ۋە تۇنجى قەدىمىنى بىر قول تىرەكتۇرىنىڭ كۇزىپىدىكى تاۋۇز بىلەن باشلىدى. ئۇ قوغۇن-تاۋۇز ئېلىپ ساتتى، ئالما-نەشپىت، سەي-كۆكتات، تۇخا-كەپتە، ھەتتا قوي-كالىغىچە ئېلىپ ساتتى، ئۇ بۇ جەرياندا تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك تۈمەنلىگەن دوقاللىرىغا يولىقتى ۋە مىقلىرىغا ئۈستى، لېكىن «يولۋاس ئىزىدىن يانماس، يىگىت سۆزىدىن» دېگەن بىر ھەقىقەتنى ئىسىدە مەھكەم ساقلاپ،نەچچە يىقىلىپ يەنە ئورە قوپۇپ، ھەق سۆزلەپ، ھەق ئىش قىلىپ، 10نەچچە يىل قانۇنلۇق تىجارەت قىلغانلىقتىن ئۇنىڭ ھال-ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى. ئۇنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانغاندىن كېيىن ئەتىراپىدىكى قېرى، ئاجىز، مېيىپلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. تۇرسۇنجان تۇرغۇن ئەتىراپىدىكى بەش ئائىللىككە 2013-يىلى 3150يۈەن قىممىتىدە؛ 2014-يىلى 1400يۈەن قىممىتىدە ئۇن، گۈرۈچ، ياغ، كۈمە ئېلىپ بىرىپ ئۇلارنى تۇرمۇشتا خاتىرجەم قىلدى. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بويان ئاپتونۇم رايۇننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چىقىۋاتقان موقۇمسىزلىق ھالىتىنى كۆرۈپ، «موقۇملۇق-ئىتىپاقلىق- ئۆملۈكنىڭ تېپىلغۇسىز بىر گۆھەر ئىكەنلىكىنى، قالايمىقانچىلىق زور بىر بالايى ئاپەت ئىكەنلىكىنى، موقۇملىق بولغاندىلا ئاممىنىڭ باياشات تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقى؛ خەلق ئەسكەرلىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ مۇشۇ يىللاردا كېچە-كېچىلەپ كەنت، رايون، ناھىيە بازىرنى چارلاپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جاپا تارتىۋاتقانلىقى»نى كۆرۈپ، 19-ئۆكتەبىر ئۆز يېنىدىن 30مىڭ يۈەن نەق پۇل چىقىرىپ توقۇز دانە ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىىت سېتىۋېلىپ، ئاۋات بازرلىق سىياسى قانۇن كومتېتى ئارقىلىق ئاۋات بازىرىدىكى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ موقۇملىقىنى قوغداش چارلاش ئىشلىرىدا ئىشلىتىشى ئۈچۈن خالىس تەقدىم قىلىپ، ئاۋات ناھىيەلىك سىياسى قانۇن كومىتېتى، ئاۋات بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكىمىتى ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ماختىشىغا ئىرىشتى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر