- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى يېمەك – ئىچمەك بازىرىدا ساماۋار شورپىسى ئەڭ قارشى ئېلىنىدىكەن
شەھەر ئاھالىلىرى ساماۋار شورپىسى يىيىش ئۈچۈن بىر يىلدا 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن سەرپ قىلىدىكەن
2015.11.19 13:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ساماۋەر شورپىخانىلىرىنىڭ كېڭىيىشى تېزلىشىشكە باشلىدى. ئۈرۈمچى يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپى جەمئىيىتىنىڭ ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە كۆلىمى 500 كۇۋادىرات مىتىردىن ئاشىدىغان مەخسۇس تىجارەت قىلىدىغان ساماۋەر شورپىخانىسىدىن 500 ى بار بۇلۇپ،بۇسان بەش يىل ئىلگىرى يۈزگە يەتمەيتى. بۇ جەمئىيەتنىڭ تولۇقسىز ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2015 - يىلى ئۈرۈمچى تۈرلۈك ساماۋەر شورپىخانىسى 2000 دىن ئاشقان، 2012 - يىلى 500 ئەتراپىدا بۇلۇپ، ئۈچ يىل ئىچىدە بۇ سان ئىككى قاتلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى يىلدا يېمەك - ئىچمەك كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ كۆپەيگەن، ئالىي دەرىجىلىك يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرى تىپىنى ئۆزگەرتىپ، كۆپ ھاللاردا ساماۋارچىلىك كەسپىگە يۈرۈش قىلغان. يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توختاپ قىلغان مەزگىلدىمۇ، ساماۋەر شورپىسى يەنىلا داۋاملىق قارشى ئېلىنغان. ھازىر، يېمەك – ئىچمەكتىن قىلغان كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ساماۋەر شورپىسى ئىگىلىگەن. ساماۋەر شورپىسى كارخانىلىرىنىڭ سانى ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن. « 2014 - يىللىق ئۈرۈمچى يېمەك - ئىچمەك كەسپى دوكلاتى » دا كۆرسىتىلىشىچە،بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھەر بويىچە يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 10 مىليارد 634 مىليون يۈەن بولۇپ، ساماۋەر شورپىسىنىڭ سېتىلىش سوممىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېمەك - ئىچمەك كەسپى كىرىمىنىڭ % 48 تىنى ئىگەللىگەن. بۇ ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى بۇ بىر يىلدا ساماۋەر شورپىسى يىيىش ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلنىڭ 3 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر