باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۆزگىچە يېمەك - ئىچمەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش مەخسۇس تۈر مەبلىغى كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىشىغا مەدەت بېرىدۇ

پولو - كاۋاپلار ئامېرىكىغا سېتىلىدۇ

2015.11.19 13:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى سان فىرانسىسكو شەھىرىدە يېڭىدىن ئېچىلغان شىنجاڭ ئاشخانىسى، مىللىي ئۇسلۇبتىكى بېزىلىشى، ئۆزگىچە يېمەك – ئىچمەكلىرى بىلەن شۇ جايدىكى خېرىدارلارنى جەلپ قىلىپ، كۈندىلىك سېتىلىش سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 14 مىڭ دوللارغا يەتتى. مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئاشپەزلىك جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ شىنجاڭنىڭ يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئامېرىكىغا كېلىپ ئاشخانا ئېچىشى ئىكەن.

  18- نويابىر، شىنجاڭدىكى 25 يېمەك – ئىچمەك كارخانىسى جەمئىي 9 مىليون 20 مىڭ يۈەن شىنجاڭ ئۆزگىچە يېمەك - ئىچمەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش مەخسۇس تۈر مەبلىغىگە ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش يېمەك – ئىچمەك كارخانىسى « سىرتقا چىقىرىش » تۈرلىرىدە قوللاشقا ئېرىشتى.

  يۇقىرىدا ئېيتىلغان سان فرانسىسكو شەھىرىدىكى شىنجاڭ ئاشخانىسىغا، شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك - ئىچمەك چەكلىك پاي شىركىتى مەبلەغ سالغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرىدە مەبلەغ سالغان« يىپەك يولىدىكى جەننەت» ئېسىل تائاملار دۇكىنى رەسمىي تىجارەت باشلىغان كۈنىدىكى سېتىلىش سوممىسى 3500 دوللارغا يەتكەن.

  بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ شىنجاڭلىقلار شىنجاڭنىڭ يېمەك – ئىچمەكلىرىنى ئاۋستىرالىيە، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقارغان، شىنجاڭ ئاشخانىلىرىمۇ ئىچكىرىدىكى 30 نەچچە ئۆلكىگە تارقالغان.شىنجاڭ ئاشپەزلىك جەمئىيىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ « سىرتقا چىقىرىش »ى 2011 – يىلىدىن بۇيان ئەڭ جانلانغان.

  ئۆزگىچە يېمەك - ئىچمەكلەر ۋە ئاممىۋى يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەرلىك يىمەك ئىچمەك كەسپىمۇ ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە شىنجاڭ بويىچە يېمەك - ئىچمەك كەسپىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت سوممىسى 21مىليارد 644 مىليون يۈەن بولۇپ، % 12.2 ئاشقان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر