باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن پۇتبول ئىسلاھاتى ئىشخانىسى شىنجاڭ پۇتبول تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ

2015.11.19 13:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەننىڭ پۇتبول ھەرىكىتىنى ئىسلاھ قىلىش تەرەققىيات مىنىستىرلىقى ئارا بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى لى مىنيى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولۇپ ئالتە كىشى 17- نويابىر ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ كىيىنكى تۆت كۈندىكى شىنجاڭ پۇتبول ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

  ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، لى مىنيى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئايرىم ھالدا قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، مائارىپ نازارىتى،شۇنداقلا شىنجاڭدىكى پۇتبول ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ.

  لى مىنيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىش، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا قارىتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، شۇنداقلا بىر قېتىملىق ئوقۇش پۇرسىتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، گوۋۇيۈەن پۇتبول ئىسلاھاتى ئىشخانىسى بىلەن دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ پۇتبولچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ پۇتبول خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلە ۋە تەلەپكە نىسبەتەن لى مىنيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەتراپلىق، سىستېمىلىق دەلىللەش ئېلىپ بېرىپ، چوقۇم شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىپ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئۈمۈد قىلىمىز. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر