باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەننىڭ «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»قا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى بىر قاتار بىلىملەر: ئىستۇدېنتلار ئىگىلىك تىكلىسە قانداق ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ؟

2015.11.16 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىگىلىك تىكلەش، ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ پاتېنتى بولماستىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاللىشى، غەيرەت-شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقان ئىستۇدېنتلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو «ئالاقە تورى +» ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە زۇڭلى لى كېچياڭ: «ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك يېڭى قوشۇن» دېدى. بۇ يىل 21-ئاپرېل ۋە 10-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىشكە ئالاقىدار مەزمۇنلار كىرگۈزۈلدى.

  جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ يېڭى تاراتقۇلىرى بۈگۈندىن باشلاپ گوۋۇيۈەننىڭ «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»قا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى بىر قاتار بىلىملەرنى تونۇشتۇرۇپ، ئوخشىمىغان ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپى، ئىگىلىك تىكلەشتىكى مەسىلىلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىدۇ،

  تېخى يېڭىلا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىگىلىك تىكلەش كويىدا بولۇۋاتقان ياشلار ئىشنى قانداق باشلىشى كېرەك؟ گوۋۇيۈەن ئۇلار ئۈچۈن قانداق ئېتىبار سىياسەتلەرنى تەييارلىدى، بۇنىڭغا قىززىقسىڭىز نەزىرىڭىز «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»قا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى بىر قاتار بىلىملەرنىڭ 1-سانىدا بولسۇن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر