باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنخۇيدا «دېھقانلار پايچىك بولدى»

2015.11.17 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) بۇنىڭدىن كېيىن، ئەنخۇيدىكى يەر پاي ھەمكارلىق كوپراتىپىغا كىرگەن دېھقانلار پايچىك بولۇپ، تەقسىم قىلىنغان پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ. 16-نويابىر ئەنخۇي ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئەنخۇيدا پۈتۈن ئۆلكە دائىرىسىدە دېھقانلار يەر پاي ھەمكارلىق كوپراتىپى قۇرۇلۇشى سىناق نۇقتىسى قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ يىل ۋە كېلەر يىل ئىككى يىلدا ھەر قايسى شەھەرلەر بىردىن ئۈچكىچە ناھىيەدىكى بىر قانچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوپراتىپىدا نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، 2017-يىلى تەدرىجىي ھەربىي يېزا ئىگىلىك ناھىيە (شەھەر، رايون)غا كېڭەيتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  زىيارەتتىن ئىگىلىنىشىچە، دېھقانلار يەر پاي ھەمكارلىق كوپراتىپى يېزىلاردىكى ئاساسىي تىجارەت تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، پايچېكى تۈزۈمى ۋە ھەمكارلىق تۈزۈمى بويىچە، دېھقانلار ھۆددىگە ئالغان يېرىنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى ئاساسلىق مەبلەغ چىقىرىش شەكلى قىلىدىغان، يەرنىڭ ھۆددىگەرلىك تىجارەت ھوقۇقىنى پايغا ئايلاندۇرۇپ، پاي بويىچە يەرنىڭ تىجارەت كىرىمىدىن مەلۇم نىسبەتتىكى تەقسىم قىلىنغان دارامەتكە ئېرىشىدىغان، يەر ھەمكارلىق تىجارەت شەكلى. بۇ قېتىمقى سىناق نۇقتا يەنى دېھقانلارنىڭ رازىلىقى، دېھقانلارنىڭ مۇستەقىللىقى؛ ھەر يەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش؛ قانۇن بويىچە تەشكىللەش، كوپراتىپ قۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ سىناق نۇقتىدا ئاۋۋال سىناش، سالماق قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش قاتارلىق تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا چىڭ تۇرىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر